رابىيە قادىر، ئۇيغۇر ئېلىدە قانات يايدۇرۇلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى


2005.09.07
rabiye-050317.jpg
17-مارت كۈنى رابىيە خانىم ئامېرىكىغا يېتىپ كېلگەندە، ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. RFA

ئۇيغۇر ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندا قانات يايدۇرۇلىۋاتقان سىياسى باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى "شىنجاڭ" دا باستۇرۇشنى جىددىلەشتۈرمەكتە

رابىيە قادىر، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ نيۇ يوركتىكى ب د ت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كېلىش ھارپىسىدا، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا بايانات ئېلان قىلىپ، باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن تېزلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىر باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى بالا -چاقىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سودا - تىجارىتىنى " چەكلەش ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىش" بىلەن ئەيىپلىدى.

رابىيە قادىر 1999 - يىلى 8 - ئايدا " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەلىكلەرگە ئاشكارىلاش جىنايىتى" بىلەن قولغا ئېلىنىپ 6 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.

رابىيە قادىر 11 ماددىنى ئوتتۇرىغا قويدى

رابىيە قادىر، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، قولغا ئېلىش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، دەپ ئەيىپلىدى.

رابىيە قادىرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆپ مىقتاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش رايوندا ئىشسىزلىقنى ۋە تەبىئىي بايلىقلار تەقسىماتىدىكى ئىختىلاپنى كۈچەيتمەكتىكەن. رابىيە قادىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكى تەھدىت ئاستىدا قالماقتا، دەپ ئاگاھلاندۇردى. رابىيە قادىر، باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، 11 ماددىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى: ئۆكتىچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن ئۆچ ئېلىش ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن

يىغىنىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى ت. كۇمار، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەنگۈئەن ساقچى پونكىتىنىڭ قارمىقىدا قۇرۇلغان ئالاھىدە رازۋىتكا بۆلۈمىنىڭ ھەرىكىتى، رابىيە قادىر ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئۇلارنىڭ سودا - تىجارىتىنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ت. كۇمار، "رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ سودا - تىجارىتىگە ھۇجۇم قىلىش بۇ بىر يېڭى ھادىسە. سودىنى تەقىپلەش بۇ بىز خىتايدا كۆرۈۋاتقان زىيانكەشلىكنىڭ يېڭى تۈرى،" دېدى. كۇمارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆكتىچى زاتلار ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئۇلارنىڭ سودا - تىجارىتىگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۇسۇلى بىلەن، بۇ كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش " بىشارىتى بەرمەكچى" ئىكەن.

كۇمار، " بۇ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى تىبەتلەر، فالۇنگوڭ ۋە دېموكراتىك گۇرۇھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۆكتىچى گۇرۇھلارغا كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان دەرىجىدە تەسىر قىلماقتا،" دەيدۇ.

رابىيە قادىر: خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەيمەن

ئەمما رابىيە قادىر، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا تېز پۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. رابىيە قادىر " گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى چىقارماسلىققا ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار توختاپ قالمايدۇ،" دېدى.

رابىيە قادىر ۋاشىنگتوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن شۇ كۈنى، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتاي تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ يوڭچىننىڭ "جوڭگودىكى تېررورىزم تەھدىتى ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىدىن كېلىدۇ،" دېگەن سۆزىنى ئېلان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن يېقىندا رابىيە قادىرنى تېرورچى ۋە بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش، باج ئوغۇرلاش، مال- مۈلكىنى چەتئەلگە يۆتكەشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا: ئۆكتىچىلىك بىلەن تېرورىزىمنىڭ چىگرىسىنى ئايرىش كېرەك

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى سىياسى ئۆكتىچىلىك بىلەن تېرورىزىمنى ئارلاشتۇرۇۋەتمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بوۋكېر، ئامېرىكا ئاۋامپالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا سۆزلىگەن بىر نۇتۇقىدا، " ئامېرىكا ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزىمغا قارشى تەدبىر ئېلىشىنى قوللايدۇ. ئەمما ئامېرىكا خىتاينى پاكىتلار يىتەرسىز ئەھۋال ئاستىداسىياسى ئۆكتىچىلىك بىلەن تېرورىزىمنى ئەينى ئورۇنغا قويماسلىققا چاقىرىدۇ،" دېگەن. ئۇ يەنە، " خىتاينىڭ تىنچ ئۇسۇللار بىلەن ئوخشىمىغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن ئۆكتىچىلەر بىلەن تېررورىزم ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىنى ئايرىشى زۆرۈر،" دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.