0:00 / 0:00
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى، ئۇيغۇرلارنى چەكسىز شاتلىققا چۆمدۈردى. ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رائىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر داۋاسىنى بىر يۆلۈنۈشتە يەنى بىر ئاۋازدا ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.