رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيە پوچتا كورت لاتارىيىسى ئۈچۈن ئامەت سىمۋولى قىلىندى


2007.01.31

گوللاندىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان ئايلىق ژورنالنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى سانىدا گوللاندىيىدە 2007-يىلى تارقىتىلىدىغان مىللى پوچتا كارت لاتارىيىسى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئاتاقلىق كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم مىللى پوچتا كورت لاتارىيىسىنىڭ ئەنئەنىسىگە كۆرە، بۇ يىللىق لاتارىيىنىڭ ئامەت سىمۋولى قىلىپ تاللانغان.

گوللاندىيىدە ياشايدىغان غالىپ ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە "مىللى پوچتا كورت لاتارىيىسى" گوللاندىيىدە تارقىتىلىدىغان، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋە تەسىرى ئەڭ چوڭ لاتارىيە ئويۇنى بولۇپ، بۇنىڭدا لاتارىيىنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر يىلى خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىرى بار ھەم ئۆز ئىشىدا ئۇتۇققا ئېرىشكەن بىرەر داڭلىق شەخسنى ئامەت سىمۋولى سۈپىتىدە تاللاپ ئالىدىكەن.

بۇ قېتىمقى لاتارىيىنى گوللاندىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا 52 ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىشىپ تارقاتقان بولۇپ، ئومۇمى قىممىتى 2 مىليارد ياۋرۇ ئىكەن.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى تارقاتقان ژورنالنىڭ پوچتا كورت لاتارىيىسىنى تونۇشتۇرغان مەخسۇس سەھىپىسىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوپپا كىيىپ تۇرغان جىددى ۋە جەسۇر قىياپەتتىكى يوغان بىر پارچە سۈرىتى بېرىلگەن، ئۇنىڭ ئاستىغا چوڭ ھەرپلەر بىلەن "بۇ خانىمدا بىر ئامەت بار، سىزدىمۇ بىر ئامەت بار" دېگەن سۆزلەر يېزىلغان، ئۇندىن كېيىن مىللى پوچتا كورت لاتارىيىسىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرى ۋە رابىيە قادىر خانىم بىلەن بولغان باغلىنىشى تونۇشتۇرۇلغان.

بۇنىڭدا ئالدى بىلەن پوچتا كورت لاتارىيىسىدىن قىلىنغان كىرىمنىڭ ئاساسلىقى دۇنيادىكى كىشلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش خىزمەتلىرى ھەمدە كىشلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەشكۈچى تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان، ئاندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىمنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق جازالىنىپ ئالتە يىل تۈرمىدە ياتقانلىقى، 2005 –يىلى خەلقئارانىنمگ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا خىتاي تۈرمىسىدىن ئازات بولغانلىغىنى، ھازىر بولسا تونۇلغان كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۈپىتىدە ئامېرىكىدا ئاكتىپ كىشلىك ھوقۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى سۆزلەنگەن، ئاخىردا رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازات بولىشى ۋە بۈگۈنكىدەك تونۇلغان كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىگە ئايلىنىشىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئوينىغان رولى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان، شۇنىڭدەك بۇ يىللىق لاتارىيە ئويۇنلىرىدىن كىرگەن كىرىمنىڭمۇ يەنە ئوخشاشلا كىشلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىغى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

غالىپ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىللىق پوچتا كارت لاتارىيىسىنىڭ ئامەت سىمۋولى سۈپىتىدە تاللاپ ئېلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىر ۋەقە بولۇپ، بۇ ماھىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ گوللاندىيە ۋە خەلقئارادا كەڭ دىققەت ئېتىبارغا ۋە قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەن (ئابدۇسەمەت)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.