خەلقئارا 7 تەشكىلات خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى ئەيىبلىگەن باياناتىنى رەت قىلدى


2007.03.20

rabiye-qadir.jpg
رابىيە قادىر خانىم

خەلقئارا رافتو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق سارىيى فوندى، تىنچلىق ۋە ئادالەت تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق 7 خەلقئارا تەشكىلات تەرىپىدىن 16‏-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىغا قاراتقان "بۆلگۈنچى" ۋە "تېررورچى" دېگەنگە ئوخشاش ئەيىبلەشلىرى رەت قىلىنغان.

بىرلەشمە باياناتتا شۇنداقلا "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان بىر مەسىلە " دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرى

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، 6‏- مارت كۈنى خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باش ئەلچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ، ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى پائالىيەتچىلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىينى ئۆزلىرىگە شۇئار قىلىۋالغانلىقىنى تەكىتلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

"ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تور بېتىگە ئاساسلانغاندا، ‘دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەقسىتى، دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا، تىنچ ۋاستىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى، ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل سىياسىي كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ’. بولۇپمۇ، مۇشۇ ئورگان 2005 ‏- يىلى نەشىر قىلغان ‘ميۇنخېن خىتابنامىسى’ دىن ۋە رەھبەرلىرىنىڭ باياناتلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيى مەقسىدىنىڭ ‘مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش’ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ".

خىتاي ھۆكۈمىتى باياناتىدا، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئەزالىرىدىن، رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشمەسلىكى ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان. باياناتتا شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشى خىتاي- بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈئىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى

لېكىن 16‏- مارت كۈنى رافتو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق سارىيى فوندى، چېگرىژ تىنچلىق ۋە ئادالەت تەشكىلاتى قاتارلىق 7 خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، "رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىنچ يول ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ" دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ تېررورچىلىق توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىگە قارشى چىققانلىقى تەكىتلگەنگەن باياناتتا، "تېررورچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشتە، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. رابىيە خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى مۇشۇ پرىنسىپلارنىڭ ئەمەلگە ئىشىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز رابىيە خانىم رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەشتىن پەخىرلىنىمىز " دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تېررورچىلىققا چېتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاللىقاچان خەلقئارا جامائەت ئالدىدا مەغلۇب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا،" بىز ياۋرۇپا پارلامىنتى ئەزالىرىدىن ھەمدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خادىملىرىدىن خىتاي دائىرىلىرىگە كىم بىلەن كۆرۈشۈپ، كىم بىلەن ئۇچرىشىش مەسىلىسىدە ئۆزلىرى ئەركىن قارار بىرەلەيدىغانلىقىنى، خىتاي‏- ياۋرۇپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بوزۇلۇشىغا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشى ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەب بولۇدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز" دېيىلگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.