0:00 / 0:00

ماسساچۇسېتتس تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئامېرىكىدىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالى ۋە نادىر بىلىم يۇرتلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنى، يەنى 5 - ئاينىڭ 15 - ۋە 16 - كۈنلىرى، يۇقىرىقى ئالى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى ۋە بەزى تەتقىقاتچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئۈستىدە دوكلات بەردى.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ رابىيە خانىم بىلەن بۇ ئىككى پائالىيەت ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.