خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا بېرىلگەن قاماق جازاسىغا ئىنكاسلىرى
2007.04.18

خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى، ئېنتېرنېت تورىدا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ماقالىلارنى تارقاتقان، ئاممىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا قۇتراتقان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلارنى يازغان، دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى، دۇنيا مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئابلىكىم ئابدۇرىھىم 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان
خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمىنى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. دۇنيادىكى بارلىق ئاگېنتلىقلار ۋە چوڭ گېزىتلەر، ئۇرۇمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى، "ئىنتېرنەت توربېتىدە بۆلگۈنچىلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان ماقالىلارنى تارقاتقان، ئاممىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشىقا قۇتراتقان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئازسانلىق مىلەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلارنى يازغان" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەب، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلىپ بەرگەن.
گېرمانىيىنىڭ د پ ئا ئاگېنتلىقى، " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئوغلىغا 9 يىللىق قاماق جازاسى بەردى" دېگەن تېمىدا بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دەيدۇ": ئۇرۇمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى، ئېنتېرنېتتە بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ماقالىلار تارقاتقان، خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتكە قۇتراتقان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلار يازغان دەپ ئەيىبلەپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
دۇنيا جامائېتىنىڭ ئىنكاسى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىردىن ئۈچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى".
د پ ئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن" يېقىنقى يىلاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسى، شىنجاڭدا مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا قاراتقان ئىدېئولوگىيىلىك كۈرىشىنى تېزلەتتى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، 2001- يىلى 11- سىنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملرىدىن كېيىن باشلانغان خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، بايان قىلماقتا ".
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، "ئامېرىكىدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئوغلى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى" دېگەن تېمىدا بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دەيدۇ ": شىنخۋا ئاگېنتلىقى، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇمچىدە 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسى
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا-ئۇيغۇر بىرلەشمىسى نويابىر ئىيىدا ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ تۈرمىدە قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. رابىيە قادىر سوت جەريانىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان شىنجاڭدا ئەلقائىدە قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولغان بۆلگۈنچى ئىسلامى بىر ھەرىكەتكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما خىتايدىكى چەتئەلللىك دىپلوماتلار ۋە غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا".
خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى 9 يىللىق قاماق جازاسىئىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە ئەركىن تىبەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە،"خىتاي دائىرىلىرى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى، ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتكە قۇتراتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىشىنىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ تۈرمىدە ئابلىكىمگە قارىتىلغان قېيىن-قىستاقنىڭ بىر نەتىجىسى ۋە ھەقىقەتلەرنىڭ بۇرمىلىنىش قىلىشىمىدىن ئىبارەت خالاس " دېيىلگەن.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن" ئابلىكىم ئابدۇرېھىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولغانلىقى ئېنىق شۇنداقلا ئۇنىڭغا بېرىلگەن قاماق جازاسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ جانلىق بىر مىسالى ھېسابلىنىدۇ." (ئومەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، رابىيە خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا جازا ھۆكۈم قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى
- نورۋېگىيە باش مىنىستىرى Jens Stoltenberg خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى
- د ئۇ ق رەھبەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا يازغان خېتى ھەققىدە توختالدى
- خەلقئارا 7 تەشكىلات خىتاينىڭ رابىيە قادىرنى ئەيىبلىگەن باياناتىنى رەت قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئابلىكىم ئابدۇرىھىمنى مەخپىي سوتلىغان
- رابىيە خانىم دۇنيادىكى 8 نەپەر ئەركىنلىك كۈرەشچىسىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەندى
- رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيە پوچتا كورت لاتارىيىسى ئۈچۈن ئامەت سىمۋولى قىلىندى
- رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيىدە ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى بېرىلدى
- نىرجا دەۋانىڭ خېتى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغىدى
- ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى بىر مۇنازىرە قوزغالدى
- خىتاي دائىرىلىرى خەلق سۆيگەن ئەربابلارغا تۆھمەت چاپلاپ كەلگەن