ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈچەيمەكتە


2007.10.16

Rabiye-150.jpg
رابىيە قادىر خانىم پراگدا. UAA Photo

ئامېرىكىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. يېقىندا، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا، مەزكۇر كومىتېتنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان ئەزالىرى تەرىپىدىن بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىشى، بۇنىڭ بىر ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەن، ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلار كۆپەيمەكتە.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ پرېزىدېنت بۇش ۋە لورا بۇش خانىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، بۇ يىل 5‏- ئىيۇن، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ، رابىيە خانىمغا يۇقىرى باھا بەرگەندىن كېيىن، رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ كۈچەيدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ، پراگا شەھىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى تەسىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان، بېرمىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى قوللاش توغرىسىدىكى تەشەببۇسلىرى بىلەن سىياسىي دائىرىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئايالى لورا بۇش خانىم، رابىيە قادىر خانىمنى ئاق سارايدا قوبۇل قىلدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ پرېزىدېنت بۇش ۋە لورا بۇش خانىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى بىلەن بىرگە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى قايتىدىن مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىدى. مۇشۇ يىل 6‏-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھىسى، 9‏- ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا مۇنازىرىسىز ھالدا مەزكۇر كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە ئاق سارايدا بەزى مۇھىم ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقان

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا قوبۇل قىلىنغان قارار لايىھىسىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا سۇنۇشنى پىلانلىماقتا. ئەگەر، بۇ قارار لايىھىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قوبۇل قىلىنسا، قانۇنغا ئايلىنىدۇ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارار لايىھىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى قاتارلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتايغا قاراتقان سىياسەتنى بەلگىلەشتە، مۇھىم تەكلىپ ۋە تەۋسىيىلەر سۇنىدىغان تەشكىلاتلارمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتايدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن، 10‏-ئاينىڭ 15‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلات، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانچىلىق جىددىي قاراۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ، پراگا شەھىرىدە پرېزىدېنت جورج بۇش تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى بىلەن، ئاق ساراي بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان ئالاقە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ, 10‏- ئاينىڭ 15‏- كۈنى يەنى پرېزىدېنت بۇشنىڭ تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لامانى ئاق سارايدا قوبۇل قىلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن، رابىيە قادىر خانىم يەنە ئاق سارايدا بەزى مۇھىم ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىم سېيف، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاق سارايدىكى مەسئۇل ئەربابلار بىلەن ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدە يول كۆرسىتىدىغان، ھەر قايسى تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە كۆپەيگەن بولۇپ، ئامېرىكىدا ھەر دائىم دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە ھەمدە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا كۈندە دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر، ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.