رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008.02.22
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 19- فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، سېدنىي شەھىرىدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 21- فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ پايتەختى كامبېرا شەھىرىگە بېرىپ، لور فېرگىسون ۋە مايكېل دەنبى قاتارلىق ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى ئۇچراشقان شۇنداقلا كامبېرادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى ھۆسەيىن ئەپەندىم، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كامبېرادىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كامبېرادىكى پائالىيىتى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 22-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئورۇنلاشقان ئاۋسترالىيىنىڭ ئادالايد شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ ئادالايد شەھىرىدە، شۇ شەھەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئادالايد شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى 29- فېۋرال كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ 2007 - يىلقى ئەھۋالىنى تەنقىد قىلدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (2)
- ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش قارارى ماقۇللانغان
- ئاكىسى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ياش بىلەن سۆھبەت
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىنسانلىق تراگېدىيىسى
- ئالماتادا ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- كانادادا ئۇيغۇرلار سۈكۈتتە تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدە خاتىرلىدى
- ئۇيغۇرلار دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خاتىرىلىدى
- گوللاندىيىدە " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە ئەركىنلىك" دېگەن شۇئار ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
- دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى