رابىيە خانىم سېدنىي شەھىرىدە ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008.02.20

19- فېۋرال كۈنى،ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىگە يىتىپ بارغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ھەمراھلىرى، سېدنىي خەلقئارا ئايرودرومىدا، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەيىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان.
رابىيە خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن 18- فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيىگە يېتىپ بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا، سېدنىي ئايرودرومىدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى، سېدنىي شەھىرىگە يېتىپ بېرىش بىلەنلا پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن.
20- فېۋرال كۈنى، ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بېرى بولغان " سېدنىي مورنىڭ ھرالد" گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەھبەرلىرى قاتارلىق ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ئەرباپلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى زۇبەيرە خانىم، رابىيە قادىر خانىمنىڭ 20- فېۋرال كۈنىدىكى پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم ۋە ھەمراھلىرى بۈگۈن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە پارلامىنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن سېدنىي شەھىرىدىن ئاۋسترالىيىنىڭ پايتەختى كانبىرا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئاۋسترالىيە زىيارىتى ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىن يولغا چىقتى
- " رابىيە، ياپونىيەگە خۇش كەپسىز ! "
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتى ھەققىدە سۆھبەت
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
- ياپونىيىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى (1)
- رابىيە قادىر ياپونىيىنىڭ ماسەي ۋە ياماگۇچى قاتارلىق جايلىرىدا نۇتۇق سۆزلىدى
- ياپونىيە شەھەرلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنىڭ كوبې شەھىرىدىكى گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا
- ياپونىيىدە، خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەت يېزىش ھەرىكىتى قوزغالدى
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىلىكلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ شىۋىتسىيىدىكى پائالىيەتلىرى