رابىيە قادىر خانىم ۋە ھەمراھلىرىنىڭ جەنۇبىي ئاۋسترالىيە شىتاتىدىكى زىيارىتى


2008.02.27

رابىيە قادىر خانىم ۋە ھەمراھلىرى جەنۇبىي ئاۋسترالىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا، ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامىنېت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن سىرت، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياستىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەركىزى ئادېلايد شەھىرىدىكى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ۋە مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان رابىيە خانىم ۋە ھەمراھلىرى، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان ئىككى چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جەنۇبىي ئاۋسترالىيىدىكى زىيارىتىنىڭ ناھايىتى غەلىبىلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە 26‏- فېۋرال كۈنى ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.

27‏- فېۋرال كۈنى ئەتىگەن سىدنېي شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم ۋە ھەمراھلىرى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، سىدنېي شەھىرىدىكى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مەزكۇر شەھەردىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.