
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 19 - فېۋرال كۈنىدىن 29 - فېۋرال كۈنىگىچە ئاۋسترالىيىدە زىيارەتتە بولغان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋاشىنگتونغا يولغا چىقتى.
ئاۋسترالىيىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى خادىملىرى، پارلامىنت ئەزالىرى ۋە ئاۋسترالىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، سېدنىي شەھىرىدە، ئاۋسترالىيىدىن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا، تېلېفون ئارقىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ رابىيە خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.