0:00 / 0:00
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 9 - ئاينىڭ 18- كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ب د ت نىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مېيىپلار يىغىنىغا قاتناشتى. رابىيە خانىم يېغىن جەريانىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى كوفى ئاننان ۋە پولشا پرېزىدېنتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان رەھبەرلەر بىلەن ئۇچراشتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات رابىيە خانىمنى زىيارەت قىلىپ، نيۇ-يوركتىكى ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.