رابىيە قادىر خانىم ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلدى


2007.03.27

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ باشچىلىقىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يېغىنىغا قاتنشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، بۇ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يېغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىگە كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش ھەمدە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

3‏-ئاينىڭ 26‏- كۈنى رابىيە قادىر خانىم، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى پائالىيەتلىرى دائىرىسى ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆز قىلغان. رابىيە خانىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان بۇ يېغىندا قىلغان سۆزىدە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى ئازايتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مۇنبىرىدە تۇنجى قېتىم سۆز قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

شىۋىتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يېغىنى 30‏- مارت كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بىز ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رىياسەتچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە كېلەركى پروگراممىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.