رابىيە قادىر خانىمنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا


2007-03-28
Share

د ئۇ ق ۋە UAA رەئىسى رابىيە قادىر خانىم UAA باش كاتىپى ئالىم سېيتوف بىلەن جەنۋەگە مېڭىشتىن بۇرۇن ۋاشىڭتوندا چاقىرىلغان ئاياللارنى تەربىيىلەش يىغىنىدا. Image/UAA

شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر، چارشەنبە كۈنى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە شۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ بۇ قېتىمقى شۋېتسارىيە زىيارىتى جەنۋە شەھىرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇلارشۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرن شەھىرىگە بېرىپ شۋېتسارىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى پاكىت-دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىگىلىشىمىزچە، شىۋىتسارىيىدىمۇ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پەيشەنبە كۈنى شىۋىتسارىيىدىن ئايرىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت