
شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر، چارشەنبە كۈنى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە شۋېتسارىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ بۇ قېتىمقى شۋېتسارىيە زىيارىتى جەنۋە شەھىرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇلارشۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرن شەھىرىگە بېرىپ شۋېتسارىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قانداق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى پاكىت-دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىگىلىشىمىزچە، شىۋىتسارىيىدىمۇ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پەيشەنبە كۈنى شىۋىتسارىيىدىن ئايرىلىدىكەن.