رابىيە قادىر خانىم بېلگىيە كېڭەش پالاتىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2005.10.21
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 21- كۈنى، يەنى بېلگىيىدىكى پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بريۇسسېلدا بېلگىيە دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى رەئىسى لىزېن خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
رابىيە قادىر خانىم كېڭەش پالاتا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر مەسىلىسى پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى ۋە ئاشكارە قىلىشقا بولمايدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە پاراڭلاشقان.
رابىيە قادىر خانىم بېلگىيە دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيىدىكى بىر شۆبىسى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتكە قاتناشقان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم بېلگىيىدە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رابىيە خانىمنىڭ ياۋروپا زىيارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى
- رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- نورۋىگىيىنىڭ بېرگېن شەھىرىدىكى كۇتۇپخانىغا ئۇيغۇرچە كىتابلار قويۇلدى
- رابىيە قادىر خانىم شۋېيتسارىيىدىكى پائالىيىتىنى باشلىدى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋىگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى