رابىيە قادىر خانىم بوستوندا ئىككى مۇھىم يىغىنغا قاتناشتى
2008.03.27

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، 26 - مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە گۈانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە ئېچىلغان ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.
26 - مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ماساچۇسسېتس شىتاتىدىكى پارلامېت ئەزاسى بېلخانت ئەپەندى يېتەكچىلىكىدە، گۈانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىگۇناھ دەپ ئاقلىنىپ، خاتا تۇتۇلۇپ قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرلارنى چوقۇم ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ساق - سالامەت ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس بىر يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ، مەزكۈر يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى.
ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىم بوستوندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا رابىيە خانىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ۋە يىغىندا سۆز قىلغان پارلامېنت ئەزاسى بېلخانت ئەپەندى، ئۇيغۇر مەھبۈسلىرىنى تېزراق گۈانتانامو تۈرمىسىدىن ئېلىپ چىقىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا يەنە، 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سېيبىن ۋاللېت ئەپەندى، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تۈرمە ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ گۈانتانامو تۈرمىسى 6 - لاگىردىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇلارنىڭ چوقۇم بىر ئازادە، شارائىتى ياخشىراق بىر تۈرمىگە يۆتكىلىشىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش ئىمكانىغا ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
يىغىن ناھايىتى مۈۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان بولۇپ، پارلامېنت ئەزاسى بېلخانت ئەپەندى يىغىندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، سۆھبەتتە بولغان ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئاڭلاتقان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە ھەمراھ بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بېرىپ مۇنداق دېدى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئادۋوكات سەيبىن ئەپەندى بىلەن يەنە بىر ئادۋوكاتنىڭ ئۇيغۇر مەھبۈسلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا يەنە ئۈزىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۈسلىرى ھەققىدىكى تەلەپ ۋە تەشەببۈسلىرىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، گۈانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۈسلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا ئېچىلغان مەخسۇس يىغىندىن چىقىپ، ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنىڭ ھەمراھلىقىدا يەنە بوستوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا ئېلىپ بارغان ئىككىنچى بىر يىغىنغا قاتناشقان.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ چۈشەندۈرۈش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- گۈەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ خېتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى
- ۋەتەندىن خەت: "رابىيە قادىر بىزنىڭ ۋەكىلىمىز ھەم يولباشچىمىز "
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينى ئەمەس، رابىيە قادىرنى ھىمايە قىلىدۇ
- 14 - مارت لخاسا توقۇنۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى
- خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى: "رابىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، تېررورچىلارنىڭ ۋەكىلى"
- رابىيە قادىر خانىم ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
- غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا قارشى تەشۋىقاتلىرى
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى
- رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئاۋسترالىيە زىيارىتى ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىن يولغا چىقتى
- ئۇيغۇرلار رابىيە خانىم ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى ۋە خەۋەرلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ
- ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ مۇراجىتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا زور تەسىر قوزغىماقتا
- شۋېتسىيە پارلامىنت ئەزاسى ":گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيىگە كىلىشىنى خالايمىز "
- شۋېتسىيە ئاخباراتلىرى ئادىل ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەكتە
- رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرنىڭ پائالىيىتىنى جانلاندۇردى









