ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مەدھىيىلىدى


2007.06.05

Bush Rabiye-150.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رابىيە خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى مەدھىيىلىدى Photos are courtesy of UAA / Rushan

گېرمانىيىدىكى سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، چىخ دۆلىتىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، چىخ پايتەختى پراگادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى مەدھىيىلىدى.

پرېزىدېنت بۇش، پراگادا چاقىرىلغان خەلقئارا دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك يىغىندا رابىيە قادىرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، " رابىيە قادىر بۇ يەردە مەن كۆرۈشىدىغان يەنە بىر ئۆكتىچى زاتتۇر. بىز ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۈرمىگە سولانغانلىقىنى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيىتىدىن ئۆچ ئېلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز،" دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت بۇش يەنە، "رابىيە قادىرغا ئوخشاش ئەر ۋە ئاياللار شۇ دۆلەتلەرنىڭ زور بايلىقى، شۇنداقلا ئۇلار، قوراللىق ھەربىي قىسىملىرى ۋە يەر ئاستى نېفىت بايلىقىدىن قىممەتلىكتۇر،" دەپ كۆرسىتىدۇ.

Rabiye-Lora--200.jpg
ئامېرىكا 1- خانىمى لورا بۇش، رابىيە خانىم بىلەن بىرگە. Photos are courtesy of UAA / Rushan

يىغىنغا سۆز بېرىپ بولغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت بۇش ۋە ئايالى لورا بۇش، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئايىم كۆرۈشۈپ، رابىيە قادىر خانىمدىن ھال سورايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىنى مەدھىيىلەيدۇ.

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ رابىيە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر ئالغايسىز

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.