
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، چېخ پايتەختى پراگادا چاقىرىلغان "خەلقئارا دىموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك" يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ پراگادىكى خەلقئارا يىغىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە 1 - خانىم لائۇرا بۇشلار بىلەن ئۇچرۇشۇش ھەم سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدۇر.
بولۇپمۇ پرېزىدېنت بۇشنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، رابىيە قادىرغا ئوخشاش كىشىلەر بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە يەر ئاستى بايلىقىدىنمۇ قىممەتلىك تالانت ئىگىلىرىدىن، دەپ تەرىپلىگەنلىكى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا تىلغا ئېلىنماقتا.

رابىيە قادىر چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاشىنگتون داللاس ئايدۇرۇمىغا قونغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى سەپىرى توغرىسىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ داللاس ۋاشىنگتون ئايرۇدۇرۇمىدىن بەرگەن خەۋەرىگە قۇلاق سېلىڭ.