رابىيە قادىر - ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى


2006.12.04
rabiye-150.jpg
رابىيە قادىر خانىم 2006 – يىلى 6 – ئۆكتەبىر كۈنى Virginia شتاتىدىكى ئۆيىدە. AFP

ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان In These Times يەنى "زامانىمىز" ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى جاھانگىر پوچا ئەپەندى مەزكۇر ژورنالدا ئېلان قىلغان "رابىيە قادىر - ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى" ناملىق سۆھبەت خاتىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ لېدىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، "رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئۇ خۇددى دالاي لاماغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن، تىنچ يوللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان جەڭگىۋار ئايال. رابىيە قادىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۈپىتىدە بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى رىقابەتچىلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، يەنى 1989 ‏- يىلى دالاي لاما ئېرىشكەن بۇ مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئازلا قالدى" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ۋەدىسىدە تۇرمىدى

"رابىيە قادىر، ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى" ناملىق بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە، ئاپتور جاھانگىر پوچا ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر سۇئاللارغا ناھايىتى كەسكىن ھەم تەپسىلىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. مەسىلەن، ئاپتور رابىيە قادىر خانىمدىن "شىنجاڭ مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن تىبەتكە ئوخشاش تونۇلالمىدى " دەپ سورىغىنىدا، رابىيە قادىر خانىم "خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما بولغاچقا تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش ‏-ھەرىكەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك ئېھتىياتچان بولماقتا؛ خىتاي ھۆكۈمىتى 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندە بىزگە ئاپتونومىيە مەسىلىسىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن. يەنى 'سىلەر يەنىلا ئۆز يېرىڭلارنىڭ خوجايىنى، مەيلى ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى نېفىت قاتارلىق تەبىئىي بايلىق مەنبەسى قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن، ھەممىگە ئۆزەڭلار ئىگە؛ ھەممىنى ئۆزەڭلار خالىغانچە باشقۇرىسىلەر' دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىزگە ئەڭ ئاساسلىق بولغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىمۇ بەرمىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ بايلىقىمىز بىز ئۈچۈن بىر ئاپەت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر زامان بۇ بايلىقنى بۇلاڭ ‏- تالاڭ قىلىشنى ئويلىماقتا" دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالدى

رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر سۇئالغا بەرگەن جاۋابىدا يەنە 1949 ‏- يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس مەسىلىسىنى مىسالغا ئېلىپ "ئەينى چاغدا يەنى 1949 ‏- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ پەقەت 5 % نى ئىگىلەيتتى، قالغان 95% ئى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساسى قىلغان تۈركىي مىللەتلەر ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر جايغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۈركۈملەپ يۆتكىشى بىلەن، ھازىر ئۇ يەردە خىتايلار كۆپ سانلىق مىللەت بولۇپ، بىز ئۇيغۇرلار ئەسلىدىكى كۆپ سانلىق مىللەتتىن ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالدۇق. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق ستاتىستىكىلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسىنى 7. 8 مىليون دەپ ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى 5. 7 دەپ كۆرسەتمەكتە. لېكىن ئەمەلىيەتتە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ئېقىپ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتتى" دەپ بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئەمەلىيىتى مېنى ئۆزگەرتتى

ياق، مەن ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايمەن، بۇ يولدا ماڭغىنىم ماڭغان، چۈنكى ھازىر بۇ ئازاپ -ئوقۇبەت پەقەت بالىلىرىمنىڭلا بېشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلار سىمۋول بولغان پۈتۈن خەلقىمنىڭ بېشىغا كەلمەكتە. شۇڭا مەن ھەرگىز تىز پۈكمەيمەن.

ئاپتور جاھانگىر ئەپەندى ئېلان قىلغان مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسىدە، رابىيە قادىر خانىمدىن يەنە مۇنداق بىر سوئالنى سورىغان. يەنى "خىتايلار ھازىر ' بىز ئۇيغۇر ئېلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىمىز' دەپ بىلدۈرمەكتە؛ سىز بولسىڭىز 90 ‏- يىللاردا خىتاي سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ھەمدە سىزنىڭ سودا شىركىتىڭىز سىزنى خىتاي بويىچە 7 ‏- ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ باي كىشى قىلىپ چىققان، لېكىن شۇندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟ " دەپ سورىغان.

رابىيە قادىر خانىم بۇ مەسىلىگە ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن "مەن ئەڭ دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشەنگەن ئىدىم ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق دوكلات قىلىپ تۇرسام، ئۇلار چوقۇم قۇلاق سالىدۇ' دەپ ئويلايتتىم. لېكىن 1997 ‏- يىلى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسىدە، نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر قولغا ئېلىنغان. مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزۈپ، يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ نەقەدەر خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدىم، لېكىن ئۇلار مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سالمىدى. شۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان سىياسىتىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەنمۇ دەل شۇ چاغدىن باشلاپ ئۆزگەردىم" دەپ جاۋاب بەردى.

خەلقىمنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم بالىلىرىمغىمۇ كەلمەكتە

"رابىيە قادىر، ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى" ناملىق سۆھبەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان "زامانىمىز" ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى جاھانگىر ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدە ياتقان چېغىدىكى ئەھۋالى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچراپ، خەتەر ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، "ئەگەر بالىلىرىڭىز خىتايدا تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، سىز بۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىڭىزنى توختىتىپ تۇرارسىزمۇ؟" دەپ سورىغىنىدا، رابىيە قادىر خانىم ئىنتايىن كەسكىن ھالدا "ياق، مەن ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايمەن، بۇ يولدا ماڭغىنىم ماڭغان، چۈنكى ھازىر بۇ ئازاپ -ئوقۇبەت پەقەت بالىلىرىمنىڭلا بېشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلار سىمۋول بولغان پۈتۈن خەلقىمنىڭ بېشىغا كەلمەكتە. شۇڭا مەن ھەرگىز تىز پۈكمەيمەن" دەپ جاۋاب بەرگەن. رابىيە قادىر خانىم سۆھبەت جەريانىدا جاھانگىر پوچاغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل پەرقلەرنىڭ تەكىتلىنىشىنى خالىمايدۇ، قىسقىسى ئۇلار كۈچىنىڭ بېرىچە ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلاردىن بەھرىمان بولۇشىنى چەكلەپ كەلمەكتە" دەپ بىلدۈرگەن.

ئاپتور جاھانگىر ئەپەندى "زامانىمىز" ژورنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ خاتىرىسىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ "مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيىگە قاراپ مېڭىشىنى ۋە شۇنداقلا خەلقنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خېلى بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا مەن تىنچلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ كۈرەشنى ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرىمەن" دېگەن گېپى بىلەن ئاياغلاشتۇرغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.