0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالېكساندىرا كۋاليۇس تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان "گۈلدۈرماما" ناملىق تەرجىمىھال كىتابىنىڭ 2 - قېتىم قايتا بېسىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىنى زىيارەت قىلماقتا.
بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن بېرى گېرمانىيىنى 3 - قېتىم زىيارەت قىلىشىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىش سەپىرى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقان.
بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە سەپىرى ھەققىدە ئىلگىرلىگەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش مەقسىتىدە ئۇنى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.