دالاي لاما ۋە رابىيە قادىر ھامبۇرگدا


2007.07.25

dalai-rabiye-200.jpg
دالاي لاما ۋە رابىيە قادىر ھامبۇرگدا. Photo courtesy of UAA

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھرىگە يېتىپ كەلگەن د ۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، سىياسىي پائالىيەتلىرىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ 19 - ئىيۇل كۈنى باشلانغان 10 كۈنلۈك گېرمانىيە زىيارىتى، گېرمانىيە پۇقرالىرى ۋە دالاي لامانىڭ مۇرىتلىرى، تىبەت مەسىلىسى ھىمايىچىلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چۇقانلىرى بىلەن گېرمانىيىدە كۈچلۈك زىلزىلە قوزغىغان ئىدى.

" تىبەتنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى"

19 - ئىيۇل كۈنى ھامبۇرگ شەھرىگە چۈشكەن دالاي لامانى شەھەر باشلىقى بىلەن بىرگە، مىڭلىغان كىشى كۈتۈۋالغان بولۇپ، دالاي لاما ھامبۇرگ شەھرىنىڭ باشلىقىغا خادا تەقدىم قىلغان ۋاقتىدا تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ؛ "تىبەتنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئەكسىچە، يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى" دېگەن.

دالاي لامانىڭ گېرمانىيە زىيارىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر چاغدا، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاينىڭ گېرمانىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىدىن جۈنخۈي، دالاي لامانىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا مۇخبىرلارغا مۇنداق ئىنكاس بىلدۈرگەن: "بىز دالاي لامانى دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۇ ئاددىي بىر دىنىي داھى ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي سەرگەردان. بىز دالاي لامانىڭ ھەر قانداق دۆلەتتە، ھەر قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بۇ __ دالاي لامانىڭ ھامبۇرگ ۋە باشقا جايلاردىكى پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە مۇناسىۋەت ئورگانلارغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن دالاي لاماغا جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سورۇن ۋە پۇرسەت ھازىرلاپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدۇق."

دالاي لاما بىلەن بىرگە ئىش قىلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق

دالاي لاما ھامبۇرگدا دىنىي ھەم سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، رابىيە قادىر خانىممۇ ھامبۇرگدا پەيدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى باشلىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ھەققىدە قانداق ئىنكاسلاردا بولغانلىقى ھېلىغىچە مەلۇم بولمىسىمۇ، خىتاينىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان بۇ ئىككى رەھبەرگە قارشى قايتۇرۇشى مۈمكىن بولغان ئىنكاسلىرىغا قارىتا، د ۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ دالاي لاما بىلەن بىر شەھەردە، بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇلۇشى ۋە تەسىر پەيدا قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، تىبەت مەسىلىسىنى تونۇپ بولغان گېرمانىيىلىكلەر، تىبەتلىكلەر بىلەن تەقدىرداش بولغان ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.

رابىيە خانىم گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا

خۇددى دالاي لاما ئەپەندىم بۈگۈنگە قەدەر ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان زىيارەتچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىۋاتقانغا ئوخشاش، رابىيە قادىر خانىممۇ مۇخبىرلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدا قالماقتا. ئىلگىرى تىبەت مەسىلىسىنى ۋە دالاي لامانى تونۇپ كەلگەن گېرمانىيىلىكلەر، بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىمۇ تونۇپ، ئوخشاش تەقدىرگە، ئوخشاش غايىگە ئىگە بولغان بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مەسىلىسىنىڭ تېزراق ھەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرمەكتە.

بۈگۈن گېرمانىيىدىكى مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىبەت مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرى، ھەر قايسى داڭلىق گېزىت - جۇرناللار ۋە ت ۋ قاناللىرى دالاي لاما ھەققىدە ئۈزمەي خەۋەرلەر ئېلان قىلىۋاتقانغا ئوخشاش، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا. رابىيە قادىر خانىم بىر ئاي ئىلگىرى „گۈلدۈرماما" ناملىق ئەسىرىنىڭ نەشىردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىدە ئېلىپ بارغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى جەريانىدا، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت قۇرغان ۋە ت ۋ فىلىملىرى ئىشلىگەن قاناللار بۈگۈنگە قەدەر رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى ماتېرىياللىرىنى ئۇلاپ ئېلان قىلماقتا. بۇ ھەقتە د ۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىم ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.