
"خىتاي ۋاقىت گېزىتى"، "دوۋېي خەۋەرلىرى" قاتارلىق خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پەن جژپىڭ ئەپەندى رابىيە قادىر دەرى يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەن يېڭى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. پەن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان رابىيە قادىرخانىمنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆز قارىشىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشى مۇمكىنلىكىنى "رابىيە قادىر دەۋرى" دەپ ئاتىغان. بۇ ئەربابنىڭ قارىشىچە، رابىيە قادىر مىللەتچى، ئەمما شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئورنى بار، ئۇيغۇرلار ئىچىدە تەسىرى كۈچلۈك، ئامېرىكىلىقلار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ھازىر رابىيە قادىر ئامېرىكىنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوللىشى بىلەن شەرقى تۈركىستانچىلار ئىچىدە يېڭى يۇلتۇز بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا پەن ئەپەندى "شىۋىتسىيىلىكلەرنىڭ ئۇنى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسەتكەنلىكىمۇ ئىسىمىزدە. بىز چۇقۇم رابىيە قادىرنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم، دەپ تەكىتلىگەن.
ۋاڭ لېچۇەن، پەن جژپىڭلار ئەشەددىي مىللەتچىلەر
رابىيە خانىم، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پەن ئەپەندىنىڭ "رابىيە قادىر مىللەتچى" دېگەن باھاسىغا رەددىيە بەرگەندە، ۋاڭ لېچۇەننىڭ، پەنجژزپىڭنىڭ ئەشەددى خىتاي مىللەتچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇمىنى دۇنياغا يەتكۈزىدىغان رابىيە قادىر دەۋرى يېتىپ كەلدى
پەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، "شەرقىي تۈركىستانچىلار" دېگەن ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە قۇرغان تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق نامى، ئاللىقاچان بىت-چىت بولغان بۇ تەشكىلاتلار ھازىر رابىيە قادىر دەۋرىگە كىرىشكە يۈزلەندى. ھازىر شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ئىككى چوڭ مەركىزى بار، بىرى ھازىر گېرمانىيە ، ئىتالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب كۈچلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆز قارىشىغا تايىنىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئۇلار پارچىلانغان ئىدى، ھازىر بىرلىككە كېلىشكە يۈزلەندى، پەن ئەپەندى بۇ مەسىلىگە كەلگەندىمۇ ئوتتۇرائاسىيادا "چۇقۇم رابىيە قادىر دەۋرى يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم" دېگەن.
رابىيە خانىم، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پەن ئەپەندىنىڭ "شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ گېرمانىيە ، ئىتالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى بىر مەركىزى ھازىر غەرب كۈچلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆز قارىشىدىن پايلىنىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ" دېگەن باھاسىغا جاۋاب بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان زۇلۇمىنى دۇنياغا يەتكۈزىدىغان رابىيە قادىر دەۋرى يېتىپ كەلدى، دېدى.
ھەر يىلى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى تۆكىدىغان ۋەھشى ھەرىكەت يەنە باشلاندى
خىتاي ۋاقىت گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىنجاڭ ساقچىلىرى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پامېر ئىگىزلىكىدە 18 نەپەر تېررورچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، 17 نى تۇتقان، قېچىپ كەتكەنلىرىنى ھازىر قوغلاپ تۇتۇشقا باشلىغان. جەنۇبى جۇڭگو گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر پامېر ئىگىزلىكىدە، يەركەن دەرياسى ۋادىسىدا خىتاي ساقچىلىرى يولدىن ئۆتكەنلىكى ئادەملەر ئىچىدىن گۇمانلىق كىشىلەرنى ئىزلەۋاتىدۇ، ھەتتا تىك ئۇچار ئايرۇپىلارنىمۇ بۇ ئىشقا سەپەرۋەر قىلغان.
رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى "پامېر تاغلىرىدا 18 نەپەر تېرروچى ئېتىپ تاشلاندى، 17 سى تۇتۇلدى، قېچىپ كەتكەنلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش باشلاندى" دەپ خەۋەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھەريىلى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى تۆكىدىغان ۋەھشى ھەرىكەت يەنە باشلاندى،ئۇلار ئۇيغۇرلارغا يەنە تېخىمۇ دەھشەتلىك زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى، دەپ كۆرسەتتى. (ۋەلى)