رابىيە قادىر خانىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ North Caroline شىتاتىدىكى Davidson College ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەخسۇس تەكلىپىگە بىنائەن، مەزكۈر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.10.21
MIT-Rabiye-Micphon-305.jpg ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 15 ‏- ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﺳﺘﯘﻥ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﺳﺎﭼﯘﺳﺴﯩﺖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻟﯩﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ .
RFA Photo

رابىيە قادىر خانىم دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىملىرى ھەققىدە توختالغان. بىز رابىيە خانىمنىڭ دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرى توغرىسىدا تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ، ئۇنى تېلېفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.