رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت --- يېڭى ئىرا گېزىتىدىكى ماقالە ھەققىدە


2007.10.30

Rabiye-rfada-200.jpg
رابىيە خانىم RFA نى زىيارەت قىلدى. RFA Photo

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىنقى نەتىجىلىرى، دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ قىزىقىشىنى بارغانسېرى قوزغىماقتا. بۇ يىل 29 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، 15 خىلدىن ئارتۇق تىلدا نەشر قىلىنىدىغان يېڭى ئىرا گېزىتىنىڭ ئىنگىلىزچە سانىدا، " خىتاينىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.

باستۇرىلىۋاتقانلار ئەمەس، باستۇرۇۋاتقانلار تېررورىست

ماقالىنىڭ ئاپتورى، يېڭى ئىرا گېزىتىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى فلورىان گودوۋىتس بولۇپ، ئاپتۇر ماقالىسىدە، ئالدى بىلەن رابىيە قادىر ۋە شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتى قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن، ئۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالغىنىدا، " جانلىق، ھېسسىياتچان ئەمما ھېسسىياتىنى كونترول قىلىشنى بىلىدىغان، چېچەن ۋە ھازىر جاۋاب ئايال" دەپ تەرىپلىگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ، 1997 ‏- يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيىدا، خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلالىغانلىق جاسارىتىنى ئالاھىدە مەدھىيىلىگەن. ماقالىدە ئاپتورنىڭ رابىيە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى بېرىلگەن.

مۇخبىر" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئەندىشىسى زادى نېمە" دەپ سورىغىنىدا، رابىيە خانىم، " خىتاي ھۆكۈمىتى 1949 ‏-يىلى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغان، خىتاي بۇ رېئاللىقنىڭ دۇنياغا كەڭرى بىلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن.

رابىيە خانىم يەنە، مۇخبىرغا خىتاينىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى توسماقچى بولغىنىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: " خىتاي مېنى دۇنياغا بۆلگۈنچى، تېررورچى دەپ تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇ گەپلىرى ماڭا قىلچىمۇ تەسىر قىلغىنى يوق، چۈنكى شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئېزىلىۋاتقان، باستۇرۇلۇۋاتقان مىللەتنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزگەنلەر تېررورچى ئەمەس، بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىۋاتقان، ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلار تېررورچىدۇر"

" دېموكراتىيە" نى 60 قېتىم ئېغىزغا ئالغاندىن كۆرە بىر قېتىم ئەمەلىي ئىش قىلغان ياخشى

رابىيە قادىر خانىم يەنە، مۇخبىرنىڭ" خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنى ئىسلاھاتچى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ، يېقىنقى يىللاردا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن بىر يېڭىلىقى بارمۇ؟" دېگەن سوئالىغا " يوق " دەپ جاۋاب بەرگەن ۋە " بار دېيىلسە، 1949 ‏- يىلى شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى %2 ئىدى، ھازىر %60 گە يېقىنلاشتى، بولغان ئۆزگىرىش بۇ" دەپ ئەسكەرتكەن.

رابىيە خانىم مۇخبىرنىڭ يەنە، " خۇ جىنتاۋ 17 ‏- قۇرۇلتايدىكى دوكلاتىدا، دېموكراتىيە دېگەن ئاتالغۇنى 60 قېتىم تەكرارلىغان، سىزچە بۇ نۇقتىدا بىر سەمىمىيەت بارمۇ؟ " دەپ سورىغىنىدا، رابىيە خانىم خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىنى "نەچچە ئون يىللىق كونا سەپسەتە " دەپ باھا بەرگەن ۋە " خىتاي دېموكراتىيىنى 60 قېتىم تىلغا ئالغاندىن شەرقى تۈركىستانغا ياكى تىبەتكە بىر قېتىم مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن كىرىشىگە يول قويۇپ باقسۇن، بۇ ئىشەنچلىكرەك بولىدۇ،ئىشىنىمەنكى، بۇنىمۇ قىلالمايدۇ، 1989 ‏-يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە 1997 ‏- يىلدىكى غۇلجا ۋەقەسىدە سادىر قىلغان جىنايىتىنى تونۇماي تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيىدىن سۆز ئېچىشى ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس " دەپ جاۋاب بەرگەن.

ماقالىدا يەنە رابىيە خانىم ئېغىزىدىن بېرىلگەن " بىز خىتايغا قارشى ئەمەس، بىز پەقەت، مىللىي كىملىكىمىزنى قوغداپ قېلىشنى ۋە تېنچ ياشاشنىلا خالايمىز" دېگەن جۈملە بولۇپ، بۇ سۆزى توغرىسىدا ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە رابىيە خانىمنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ مەزمۇنىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلايسىلەر. ( شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.