رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدە د ئۇ ق نىڭ يىغىنىغا قاتناشتى


2005.07.15
rabiye-germaniye.jpg
رابىيە قادىر گېرمانىيىدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى. DUQ < < Chongaytip Körüng

ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم تەكلىپكە بىنائەن د ئۇ ق نىڭ 2- نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۈمە كۈنى ئەتىگەندە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى خەلقئارا ئايدۇرۇمغا يېتىپ كەلدى ۋە مەزكۇر دۆلەتتىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى.

گېرمانىيىدىكى يۈزلەرچە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار رابىيە قادىر خانىمنى ئايرودرۇمدا داغ - دۇغا بىلەن كۈتۈۋالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن شۇنداقلا مەمتىمىن ھەزرەتلەر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە مەركىزى گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ئايرودرومدا ھازىر بولدى. بۇ مەمتىمىن ھەزرەتنىڭ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاممىۋى سورۇنغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جۈمە كۈنى كەچتە، د ئۇ ق نىڭ 2- نۆۋەتلىك كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا رابىيە قادىر خانىم، مۇھەممەت ئىمىن ھەزرەت، ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھات مۇھەممىدىندىن ئاڭلاڭ

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.