رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيىدە


2006.11.23

د ئۇ ق نىڭ 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 24 – نويابىر كۈنى چاقىرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيىدىكى باش شىتابى خىزمەت بىناسى قاينام تاشقىنلىق بىر كەيپىياتقا تولغان. ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بىر بىرلىرى بىلەن قىزغىن دىدارلىشىپ، ھال – مۇڭ قىلىشماقتا. د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، ئۇيگۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەردىن قىزغىن ھال سورىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن سەمىمى سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى.

20 – نويابىر كۈنى ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، قۇرۇلتاي چاقىرىلىشتىن ئىلگىرى گېرمانىيىدە بىر قاتار سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قەدەر يەتكۈزۈش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتى.

20 – نويابىر كۈنى كەچتىلا بېرلىنگە قاراپ يولغا چىققان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا، گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ، ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بېرلىندىكى زىيارىتىگە ھەمرا بولغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ناھايىتى غەلىبىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. رابىيە قادىر خانىم شۇ تاپتا گېرمانىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلماقتا.

ھازىر گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق خىزمەت بىناسىدا ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ سۆھبەتلىرى داۋام قىلماقتا. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھادىسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەممە بىر دەك قاراشتا بولماقتا.

د ئۇ ق نىڭ 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 24 – نويابىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە رەسمىي باشلىنىدۇ. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.