رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەنگىلىيىدىكى باش شتابىنى زىيارەت قىلدى


2005.06.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

21- ئىيۇن لوندونغا يېتىپ كېلىپ ئەنگىلىيىدىكى پائالىيىتىنى باشلىغان ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئەتىگەن ھەمرىيى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، قىزى ئەقىدە سىدىق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ھەمدە ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى بىر قىسىم خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باش كاتىپلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەنگىلىيە شۆبىسى شەرقىي ئاسىيا خىتاي بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. رابىيە خانىم يەنە ئەنگىلىيىدىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلاردىن بولغان BBC رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى مۇخبىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.