رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدىكى پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا 5-ئۆكتەبىر كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان "خىتايدىكى ئۇنتىلىۋاتقان مىللەتلەر" ناملىق يىغىنغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئەتىسى گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. 7-ئۆكتەبىر كۈنى بانكىرلار ھەم تىجارەتچىلەر ۋەكىللىرىگە سۆز قىلىپ، خىتاي بىلەن تىجارەت قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم شۇ كۈنى كەچتە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئورۇنلاشتۇرغان ئىپتار داستىخىنىغا داخىل بولۇپ، سورۇندىكىلەرگە سۆز قىلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.