رابىيە قادىر ياۋروپادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى


2005.10.26
rabiye-lyuksemborg.jpg
رابىيە خانىم ليۇكسېمبورگ لىبىراللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، سابىق ليۇكسېمبورگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چارلىس گۆرېنس (ئوڭدا) بىلەن. RFA

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، سەيشەنبە كۈنى 3 ھەپتىلىك ياۋروپا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شۇ كۈنى ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى.

رابىيە قادىرنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى ليۇكسېمبورگ بولۇپ، ئۇنىڭ ليۇكسېمبورگدىكى زىيارىتى 23 ۋە 24 - ئۆكتەبىرلەردە ئېلىپ بېرىلدى. رابىيە خانىم بۇ جەرياندا ليۇكسېمبورگ پارلامېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى دائىرىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

بىزنىڭ خىتاي بىلەن جىدەللەشكىمىز يوق

رابىيە قادىر ليۇكسېمبورگ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرغاندا سۆزىنى " مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئارازىلىشىش نىيىتىم يوق ئىدى، ھازىرمۇ ئۇلار بىلەن ئارازىلىشىش نىيىتىم يوق. مەن پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىلا تەلەپ قىلدىم،" دەپ باشلىدى. رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دەيدۇ : " خەلقىم ھوقۇق ئازابىغا دۇچ كەلدى، كۆچمەنلەر دولقۇنىغا دۈچ كەلدى، مۇنبەت يەرلەر خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېلىپ بېرىلدى، پۇل تاپىدىغان تىجارەتلەر، مەمۇرىي ئىدارە - ئورگانلار خىتايلارغا بېرىلدى، خەلقىمنىڭ يېرى تۈرمىلەردىن ئورۇن ئېلىش ۋە نامراتلىقتا قالدۇرۇلۇش بولدى.

ليۇكسېمبورگ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

سۆھبەت جەريانىدا ليۇكسېمبورگ لىبىراللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، سابىق ليۇكسېمبورگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چارلىس گۆرېنس، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن سىياسى مەھبۇسلارغا قايغۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. چارلىس گۆرېنس رابىيە قادىر خانىم ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە جاۋابەن، "بىز سىز ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرگە قوشۇلىمىز شۇنداقلا بىز تىلەكلىرىڭىزنى ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويىمىز"، دەپ كۆرسەتتى.

خەلقىم ھوقۇق ئازابىغا دۇچ كەلدى، كۆچمەنلەر دولقۇنىغا دۈچ كەلدى، مۇنبەت يەرلەر خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېلىپ بېرىلدى، پۇل تاپىدىغان تىجارەتلەر، مەمۇرىي ئىدارە - ئورگانلار خىتايلارغا بېرىلدى، خەلقىمنىڭ يېرى تۈرمىلەردىن ئورۇن ئېلىش ۋە نامراتلىقتا قالدۇرۇلۇش بولدى.

رابىيە قادىر سۆھبەت جەريانىدا ليۇكسېمبورگ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆرۈشۈش جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى چارلىس گۆرېنس، رابىيە قادىرغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن. بىز سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويىمىز،" دەپ كۆرسەتتى.

لېندى ئېر: مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئويلىشىمىز

سۆھبەت ئارىسىدا ليۇكسېمبورگ سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، لېيدى ئېر خانىم، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ليۇكسېمبورگ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "ليۇكسېمبورگ ھۆكۈمىتى مۇساپىرلار مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىز بۇ مەسىلىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزەيلى، مەن بۇ مەسىلىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈشكە سۆز بېرىمەن،" دېدى.

رابىيە قادىر، ليۇكسېمبورگ پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باش پاناھسىز ئېقىپ يۈرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن بولمىدى دېگەندە بەش كىشىنى بولسىمۇ ليۇكسېمبورگقا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. رابىيە قادىر، ليۇمسىمبۇرگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇنىڭغا دەرھال جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر : تىبەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

ليۇكسىمبۇرگ غەربىي ياۋروپادىكى فرانسىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چىگرىلىنىدىغان كىچىك بىر كىنەزلىك. ئومۇمى نۇپۇسى 430 مىڭ ئەتراپىدىكى كىنەزلىكنىڭ تېررىتورىيە ئۇزۇنلۇقى 82 كىلومېتىر، كەڭلىكى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئىگىلىكى بانكىچىلىك ۋە پۇل - مۇئامىلە كەسپىنى ئاساس قىلغان.

سۆھبەت جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى لېندى ئېر خانىم، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەت قاتارلىق باشقا ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئەھۋالىنى سورىدى. رابىيە قادىر لېندى ئېرنىڭ سۇئالىغا جاۋابەن، " تىبەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىمىز بار. يېقىندا دالاي لاما بىلەن ۋاشىنگتوندا بىر قانچە مىڭ كىشىلىك يىغىنىمىز ئۆتكۈزۈلمەكچى،" دەپ كۆرسەتتى.

ليۇكسېمبورگ ھۆكۈمىتى: ئۆلۈم جازاسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ

ليۇكسېمبورگ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىن كېيىن، شۇ كۈنى رابىيە قادىر ليۇكسېمبورگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەتكە مۇخبىرلارنىڭ كىرىشى رۇخسەت قىلىنمىدى. ئەمما سۆھبەتتىن كېيىن رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ليۇكسېمبورگ پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى يەنە تەكىتلىگەن. رابىيە قادىرۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە ليۇكسېمبورگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى ئەمەلدارلار بەش نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى قوبۇل قىلىش تەلىپىگە دەرھال جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ليۇكسېمبورگ ساداسى : خەلقىنىڭ ھوقۇقى يولىدا ئاتلانغان ئايال

رابىيە قادىر دۈشەنبە كۈنى ليۇكسېمبورگ پارلامېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى دائىرىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ليۇكسېمبورگ شۆبىسىنىڭ ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىردى.

دۈشەنبە كۈنى " ليۇكسېمبورگ ساداسى" گېزىتىنىڭ فرانسۇزچە چىقىدىغان نۇسخىسى رابىيە قادىر توغرىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنى " رابىيە قادىر كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋە قىيىن بىر سەپەرگە ئاتلانغان ئايال،" دەپ تونۇشتۇردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.