رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا


2006.11.29

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى گېرمانىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا شۇ كۈنى كەچ بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلغا بېرىپ، 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ۋە 29 – كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمى ۋە خىتاي دۆلەت تېررورىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىگە تېخىمۇ جىددى مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيەتلىرىنى بارغانسىرى چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارەتلىرى ناھايىتى مول مەزمۇنغا ئىگە بولغان.

ئۇيغۇر ۋەتىنىدە خىتاي مۇستەبىتلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق، دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى، پىلانلىق تۇغۇت ۋە ئەيدىس كېسەللىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەسىل قۇرۇتۇش پىلانى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا شەپقەتسىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئى بايلىقلىرىنىڭ تالان – تاراج قىلىنىشى ۋە ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر قاتار جىددىي تېمىلار بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتى رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشى نەتىجىسىدە زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە مۇئامىلىدە بولۇشى زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلاردىن ئىجابىي جاۋاپلارغا ئېرىشكەن. رابىيە قادىر خانىم، مەزكۇر تېما ھەققىدە ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيە يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە باۋارىيە شتاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى جەريانىدىمۇ مەخسۇس توختالغان ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن "دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى" ناملىق يىغىنغا ۋە "خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىككە ئىسپات بېرىش يىغىنى" قاتارلىق يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى زۇلۇملارنى ئاڭلاتقان.

رابىيە قادىر خانىم بۇلاردىن باشقا، 29 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن يەنە "ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى" قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بولغان جىددىي تېمىلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ يىغىندا خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندى بولسا، بۇ يىغىندا 1989 – يىلىدىن بۇيان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتايغا قارىتا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان قورال – ياراق ئىمبارگوسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىنى، بۇ ئىمبارگو بىكار قىلىنسا، خىتاينىڭ بۇ قوراللارنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى دەلىللەپ، مۇھىم دوكلات بەرگەن.

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارىي مۇخپىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.