ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى بىر مۇنازىرە قوزغالدى
2007.01.24
ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتى ئەزاسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى نىجرا دېۋانىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ئەۋەتكەن خېتى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى بىر مۇنازىرە قوزغىدى.
نىجرا دېۋا خېتىدە ئاساسەن ياۋروپا پارلامېنتىنى سىزنىڭ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللىماسلىققا چاقىرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، نىجرا دېۋانىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرغان.
رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختالدى.
©
2007 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر دەۋرى يېتىپ كەلدى
- د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتى ۋە گېرمانىيە پارلامېنتىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى
- خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى بىر يالغانچىلىق
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ كانادا زىيارىتى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا
- رابىيە قادىر خانىم كانادا زىيارىتى ھەققىدە توختالدى
- رابىيە قادىر خانىم كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى