0:00 / 0:00
ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتى ئەزاسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى نىجرا دېۋانىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ئەۋەتكەن خېتى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېڭى بىر مۇنازىرە قوزغىدى.
نىجرا دېۋا خېتىدە ئاساسەن ياۋروپا پارلامېنتىنى سىزنىڭ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللىماسلىققا چاقىرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، نىجرا دېۋانىڭ خېتىگە جاۋاب قايتۇرغان.
رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختالدى.