رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدە
2006.08.14
8 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرى ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە مەشھۇر يازغۇچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنى ميۇنخېن ئايرودرومىدا داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغان ئىدى. 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى يەكشەنبە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ شەرىپىگە باغ سەيلىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، رابىيە قادىر خانىم ھەم سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىلەرگە سالام بەردى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىن بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق كىشى ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن كېلىپ قاتناشتى. د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمۇ ئالاھىدە كېلىپ، رابىيە قادىر خانىم ھەم سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىلەر بىلەن دىدارلاشتى.
پائالىيەت سورۇنىدا، ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، "ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشىنىڭ بايراقدارى" دەپ شەرەپلەندۈرۈلگەن رابىيە قادىر خانىمدىن سەمىمى ھال سوراش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسىدە تۇتقان ئورنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يەنە بىر قېتىم يۇقىرى باھا بەردى.
د ئۇ ق نىڭ ھەر قاچان رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتتى.
رابىيە قادىر خانىم ئۆز نۇتقىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك تەقدىرى، خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي قىرغىنچىلىقلىرى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، شۇنداقلا تېخىمۇ دەھشەتلىك داۋام قىلىۋاتقان دۆلەت تېررورى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەندىن سىرت، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرىۋاتقان ئۇتۇقلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى، ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى ھەققىدىمۇ پىكىرلەر بايان قىلدى.
بۇ پائالىيەتكە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىقاش قاتارلىق تەشكىلات مەس`ئۇللىرىمۇ قاتناشتى. بەش سائەت داۋام قىلغان بۇ پائالىيەت قاينام تاشقىنلىق بىر كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.
پائالىيەتتىن كېيىن، د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن رابىيە قادىر خانىم، سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ تەقدىرى، نۆۋەتتىكى ۋە كېلىچەكتىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ پلان – پروگراممىلىرى ھەققىدە مۇھىم ئىچكى مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇماتلارنى، گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېغىن ھەققىدە رابىيە قادىر بىلەن سۆھبەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى نىمە ئۈچۈن رابىيە قادىر ئائىلىسىگە قاراتقان سىياسىي ھۇجۇمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى
- رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرىنى مىللىتىدىن ئۈستۈن قويالمىدى
- رابىيە قادىر: خىتاي ھۆكۈمىتى بالىلىرىمنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق پائالىيەتلىرىمنى توسىيالمايدۇ
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر بالىلىرىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە
- رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى تۈركىيىدە قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى
- رابىيە قادىر: مەن بالىلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن، بىز بەدەل تۆلەۋاتىمىز ھەم تۆلىشىمىز زۆرۈر...
- خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزمەكچى
- خىتاي، رابىيە قادىرنىڭ 2 ئوغلىنى رەسمىي قولغا ئالدى
- رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىندى