رابىيە قادىر خانىم باۋارىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى
2006.11.28
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى سەھەر د ئۇ ق نىڭ خىزمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قارار قوبۇل قىلىش يىغىنىنى تاماملىغاندىن كېيىن، باۋارىيە شتاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامېنت ۋە پارتىيىلەر رەھبەرلىرى بىلەن ئالاھىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە بۇ سۆھبەتكە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۇشنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باۋارىيىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيىلەردىن بىرى بولغان "سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى" نىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، باۋارىيە شتاتىنىڭ مەركىزى بولغان ميۇنخېن شەھرىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا كېلىپ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ميۇنخېن شەھەر باشلىقى بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كېيىن، گېرمانىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان "يېشىللار پارتىيىسى" نىڭ باۋارىيىدىكى مەسئۇلى مارگارىتا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە خىتاي تەرەپنىڭ 2 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق چاقىرىلىشتىن ئىلگىرى، باۋارىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ھەققىدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن ۋاقىپ بولغان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، "يېشىللار پارتىيىسى" نىڭ باۋارىيىدىكى مەسئۇلى مارگارىتا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى ياڭ فامىلىلىك خىتاينى ئىشپىيونلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنى سوتقا بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەر ميۇنخېندا نەشىردىن چىقىدىغان "كەچلىك گېزىت" نىڭ 24 – نويابىردىكى سانىدا "خىتاي ئىشپىيۇنلىرى ھۆكۈمەت بىناسىدا" دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىم سېيىت ئەپەندى سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئانجىلا مەركىل خانىمنىڭ 2 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق نى تەبرىكلەپ ئالاھىدە خەت ئەۋەتكەنلىكىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى زور بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 23 – كۈنىگىچە، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا، گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مۇھىم سۆھبەتلەردە بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى
- رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيىدە
- نورۋېگىيە مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ نورۋېگىيىدىكى زىيارەت پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى يىغىن ۋە مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- رابىيە قادىر خانىم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن شۋېتسىيىنى زىيارەت قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى