گېرمانىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا رابىيە قادىر خانىم


2007.07.02

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمىھالى نەشرىدىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىدە ئۆتكۈزگەن بىر ھەپتىلىك ھاياتى، گېرمانىيە ئاممىۋى ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىگە ئېرىشتى.

بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا، رابىيە قادىر خانىم كىتابنىڭ نەشرىدىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھرىدە ۋە " ياۋرۇپا سانائىتىنىڭ تەرەققىيات مەركىزى، سەنئەت شەھىرى"دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر بولغان ميۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىپلا قالماي، يەنە شىۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ گېرمان تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئارىسىدا تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتى رەھبەرلىرى " بىز مىليونلاپ دوللار خەجلەپمۇ بۇنداق تەسىرلىك پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرالمايتۇق ۋە بۇنداق كۈچلۈك تەسىر قوزغىيالمايتۇق " دېيىشتى. مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى، مەشھۇر سىياسەتچىلەر، ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان بۇ مۇراسىملارنىڭ تەسىرى پۈتۈن گېرمانىيىنى لەرزىگە سالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قازانغان مەزكۇر زور نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىتابىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمان تىللىق دۆلەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ( ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.