
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا بىر ھەپتە بولاي دەپ قالغان بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە ،خانىم بۇ جەرياندا، گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان ۋە ھامبۇرگ شەھىرىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم ھازىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۈگۈن پۈتۈن بىر كۈنىنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتقان پارتىيىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
ئەسقەرجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بېرلىن زىيارىتى ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق بولغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ رابىيە خانىمنىڭ گېرمانىيىدىكى زىيارەت پائالىيىتىگە ھەمكارلىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئېلىپ بارغان بېرلىندىكى پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.