رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرنىڭ پائالىيىتىنى جانلاندۇردى


2007.12.28

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي ئانىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا چىقارغان مۇراجىتى ۋە بۇ قېتىمقى بېلگىيە، شۋېتسارىيە زىيارىتى جەريانىدا ئىرىشكەن نەتىجىلىرى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا زور جاسارەت ۋە ئىلھام بېغىشلىغان.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ۋە كىلەچىكىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەمما جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا سىرتتىن ياردەمدە بولۇۋاتقان بىر قىسىم تالانت ئىگىلىرى رابىيە قادىر خانىمغا يار-يۆلەكتە بولۇش، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە كەلگەن. بولۇپمۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ بېلگىيە سەپىرى جەريانىدا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان جامائەت ۋەكىللىرى بېلگىيىدە رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كېلىپ، گوللاندىيىدە كۈندىن ‏- كۈنگە تەسىرى زور بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش سەپەرۋەرلىكى باشلانغان.

گەرچە گوللاندىيە ياۋرۇپادىكى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپانىڭ قاتناش تۈگۈنى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ دۆلەتكە كېلىپ ماكانلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ گوللاندىيىدە تونۇلۇشى ناھايىتى تىز بولغان.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە بۇ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بىرى بولغان غەيرەت ئەپەندى قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

گوللاندىيىدىكى ياشلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە؛ گوللاندىيىدە گەرچە تالانت ئىگىلىرى ۋە ئوت يۈرەك جەڭگىۋار ياشلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نەچچە ۋاقىتتىن بىرى دېلىغۇللۇق ئىچىدە بىر قارارغا كېلەلمەي جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا سىرتتىن ئارىلىشىپ يۈرگەن ئىكەن. بۇ قېتىمقى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بېلگىيە سەپىرى ئۇلارغا ناھايىتى زور كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلغان بولۇپ، ئۇلار تارقاق جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، كۈچنى توپلاپ، ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك ھەيئىتى تەشكىللەپ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ رەسمىي ئىش باشلىغان. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.