رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى
2006.04.18
4- ئاينىڭ 18- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن بولغان تام لەنتوس ۋە فرانك ۋولفنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يېغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمدىن باشقا يەنە خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى مۇدىرى ت، كۇمار ئەپەندى ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىقلار قاتناشتى.
خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنى
يېغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىرى ھانس ھۇگرىفى (Hans Hogrefe) ئەپەندى" بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇ يېغىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يەنە بىر قېتىم تارتىشنى ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا بۇ مەسىلىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىنى مەقسەت قىلىدۇ" دېدى.
سۆزىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپىئىسىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھانس ھوگرىفى "ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان دوكلات، خىتايدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسىرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىدى. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرماقتا " دېدى.
رابىيە قادىر خانىم گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى
يېغىندا تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى. رابىيە قادىر خانىم يېغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇلارغا قاراتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇلارنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيتىنى يۇقىتىش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەت ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ باشقا ھەرقايسى رايونلىرىدا ھەتتا تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، خىتاينىڭ دۇنيادا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن ئەڭ كۆپ پايدىلىنىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۈرغانلارنى، ھەتتا ئىشسىزلىقتىن شىكايەت قىلغانلارنىمۇ تېررورچى دەپ باستۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى
بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنىدا ، رابىيە قادىر خانىمدىن كېيىن سۆز قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ت كۇمار ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان بېسىمىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپىغا قاراتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
"ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىنى تېررورچى تەشكىلاتلار تېزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئۈچۈن تېررورغا قارشى ئۇرۇشتىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىغا باھانە يارىتىپ بەردى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ جىددىي ھەرىكەت قىلىش كېرەك". (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپون مەتبۇئاتىدا رابىيە قادىر خانىم
- ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋالدى
- رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە مەتبۇئاتىدا
- ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت
- "ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىش جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتىمۇ؟
- رابىيە قادىر خانىم قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلاندى