رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يەنە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى
2006.04.19

جوڭگو دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ۋاشىنگتونغا كېلىپ پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشىدىغانغا بىر كۈن قالغاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تۇغۇت سىياسىتىنى، سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختۇتۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. بۇ رابىيە قادىرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە 2 - قېتىم گۇۋالىقتىن ئۆتۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پىلانلىق تۇغۇت
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بىر قانۇن چىقارسا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەسئۇل بىر ئەمەلدار تەيىنلىسە، بۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.
رابىيە قادىر يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، "ئۇيغۇرلار پىلانلىق تۇغۇتنى كۈچەيتىش سىياسىتىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى،" دەيدۇ. رابىيە قادىرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتى كەمبەغەللىكنى ئازايتىش، مائارىپ ۋە سەھىيە پاراۋانلىقىغا خەجلىنىدىغان مەبلەغنى تىجەش رولىنى ئوينايدۇ، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن " كۆچمەنلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرغانلىقى ئۈچۈن نوپۇسنىڭ ئومۇمى سانى تېز كۆپەيمەكتە.
رابىيە قادىر، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا جىسمانىي ۋە روھى زەربە ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە توختۇلۇپ، " تۇغۇلاي دەپ قالغان بالىلارنى مەجبۇرى چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرى قىسىرلاشتۇرۇش ئاياللارغا ئېغىر جىسمانىي ۋە روھى زەربە ئېلىپ كەلمەكتە،" دېدى.
خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ
شەرقىي تۈركىستانغا كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، "رايوننىڭ مۇھىتى بۇ سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان نوپۇسنى كۆتۈرەلەمدۇ، ؟" دېگەن ئەندىشە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننىڭ نوپۇسىنى ئۆتكەن 5 يىلدا يىلىغا 9% لىك سۈرئەت بىلەن كۆپەيدى، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۆپىيىشنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.
رابىيە قادىر يىغىندىن كېيىن مۇخبىرىمىزغا پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. رابىيە قادىر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن تۇغۇت سىياسىتىنى " ئېتنىك تازىلاش،" دەپ ئاتىدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ " ئېتنىك تازىلاشتۇن قۇتقۇزۇۋېلىشكە چاقىرىمەن،" دېدى.
سىياسىي مەھبۇس مەسىلىسى
رابىيە قادىر، سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن سىياسى پانالىق بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنى بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشكە چاقىردى. ئۇ، 2003 - يىلى پاكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىسمائىل سەمەدنىڭ ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. رابىيە قادىر، سوت مەھكىمىسىنىڭ "ئۇنى ئەيىپلەشتىكى بىردىن بىر پاكىتى باشقىلاردىن تەن جازاسى ئارقىلىق ئالغان ئىقراسى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسمائىل سەمەدكە ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە ئىقرانامىسى پاكىت قىلىپ ئىشلەتكەن ئىككى كىشى 1999 - يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇپ ئىجرا قىلىنغانلار،" دەيدۇ.
ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تىلغا ئالغاندا "مەن بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن باللىرىمنى ياخشى كۆرىمەن،" دەپ تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ئالدىدا ئۇلاردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
چارشەنبە كۈنكى يىغىننى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس رىياسەتچىلىك قىلدى. شۇ كۈنكى يىغىندا ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى گۇتمان ئېتان، كاردىنال كۇڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جوسېف كۇنگ، لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خارري ۋۇ قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى
- رابىيە قادىر خانىم قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىماقتا(3)
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىماقتا(2)
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ، جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىماقتا(1)
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت
- رابىيە قادىر خانىم كالىفورنىيىدىكى زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى