رابىيە قادىر: ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتنىك تازىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە


2006.04.24
rabiye-guwahliq-.jpg
رابىيە قادىر خانىم 18-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن ئىدى. RFA

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رېيبون خىزمەت بىناسىدا چاقىرىلغان 19 - ئاپرىلدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنى، ئامېرىكىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتى تېمىسىدىكى زور تەسىر قوزغىغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ يىغىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدىكى 4 كۈنلۈك سەپىرىنىڭ ئەڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتىنى باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. شۇ كۈنكى يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە خىتابەن سۆزىنى، " دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتالماي جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈن - تۈنسىز ' ئېتنىك تازىلىشىغا دۇچ كېلىۋاتقان' بىر مىللەتنىڭ ۋەكىلىمەن،" دەپ باشلىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى 48 سائەت ئىچىدە ئامېرىكا C-SPAN تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن ئۇدا 4 قېتىم بېرىلگەنلىكى، خۇ جىنتاۋنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىگە كۆلەڭگە چۈشۈشىدىن پەۋقۇلئاددە ئېھتىيات قىلىدىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەيپىنى خېلى دەرىجىدە ئۇچۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى

بۇ قېتىمقى يىغىننى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ۋە يىغىنغا كومىتېت رەئىسى كرىستوفىر سىمس ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى. كرىستوفىر سىمس يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىدا "جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئىزچىل ئۆزگىرىش بولمىدى. ئاتالمىش ئىقتىسادى ئىسلاھات سۆز ئەركىنلىكى، ئىپادىلەش ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا،" دەيدۇ.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتى كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلىشىشتىكى پۇرسەت، دەپ تەكىتلىگەن كرىستوفىر سىمس، بۇ زىيارەت "ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە پۇقرالارغا ئامېرىكا رەھبەرلىرى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نەزىرىنى خىتايدىكى ۋەھىمىلىك ۋەزىيەتكە تارتىش ئۈچۈن پۇرسەت " دېدى. كرىستوفىر سىمسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قەتئىي ئىكەنلىكى، بېيجىڭنىڭ بۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلە قىلىپ، پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ، " جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا نالايىق كۆرۈلمەسلىكى كېرەك. زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ سېپىدە ئەمەس، زۇلۇم كۆرگۈچىلەرنىڭ سېپىدە تۇرۇش بىزنىڭ ئەخلاقىي بۇرچىمىز،" دەيدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى " بىز بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقىي تۈردە ياخشىلاش يولىدىكى بىر سىگنالى، دەپ ئۈمىد قىلغانمىز، دەپ تەكىتلىگەن كرىستوفىر سىمس، "لېكىن ۋەزىيەت بۇنىڭ ئەكسىنچە ناچارلىشىپ كەتتى. رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ۋە ئۇنىڭ سودىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش نىشانىغا ئايلانماقتا،" دېدى.

رابىيە قادىر: ئۇيغۇرلار ئېتنىك تازىلاشقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زور كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەش بىلەن بىرگە تىبەت ۋە ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش سىياسىتى ب د ت نىڭ "ئېتنىك تازىلاش" جىنايىتىگە بەرگەن ئېنىقلىمىسىغا يېقىنلاشماقتا.

يىغىندا خىئىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى "ئېتنىك تازىلاش " دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىرنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ تۇردى. رابىيە قادىر شەرقىي تۈركىستاندا " ئۇيغۇرلار پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى كۈچەيتىشنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا" دەيدۇ. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نوپۇسنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئۇيغۇرلاردا كەمبەغەللىكنى ئازايتىش، مائارىپ ۋە سەھىيە پاراۋانلىقىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت كۆچمەنلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرغانلىقى ئۈچۈن نوپۇس ئۇيغۇرلارنىڭ زىيىنىغا تېز كۆپەيمەكتە. ئۇ، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئېغىر روھى ۋە جىسمانىي كېسەللىك پەيدا قىلغانلىقىنى، بەزى ئاياللارنىڭ 3 ياكى 4 قېتىم بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " ھامىلدارلارنىڭ تۇغۇلاي، دەپ قالغان باللىرىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش ۋە قىسىرلاشتۇرۇش ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي زەربە ئېلىپ كەلمەكتە،" دەيدۇ. ئۇ، نوپۇس ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆچمەنلەر كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، ئەندىشىلىرىمىز " رايوننىڭ مۇھىتى بۇ سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان نوپۇسنى كۆتۆرەلەمدۇ ؟" دېگەن مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر" دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر، ئۆلۈم جازاسى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى. رابىيە قادىر پاكىستان ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرى ئىسمايىل سەمەدنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سوت مەھكىمىسى "گۇۋاھچىلارنىڭ تەن جازاسى ئاستىدا بەرگەن ئىقرارىنى پاكىت قىلىپ ئىشلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىقرارنامىسى پاكىت قىلىنغان ئىككى كىشى 1999 - يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغانلار" دەيدۇ.

رابىيە قادىر: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قانۇن چىقارسا

خىتايدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئاياللارنىڭ تۇغۇشىنى چەكلەش سىياسىتى ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قانۇن چىقارسا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جاۋابكار ئەمەلدار تەيىنلىسە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يەڭگىللىتىشكە پايدىسى تېگىدىكەن. رابىيە قادىر، ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندا، " مېنىڭ ئائىلەم بولۇپمۇ ئوغلۇم خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىزچىل بىئارام قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە " دەيدۇ. رابىيە قادىر، خىتاي دائىرىلىرى ئوغلۇمنى جازالاش ئارقىلىق مېنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن،" دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئوغلىغا ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى خىتايدا "پەۋقۇلئاددە شۇم خەۋەر" ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى دەيدۇ ئۇ " خىتايدا سوت مەھكىمىلىرىگە يوللانغان پۈتۈن دىلولارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى بار دەپ قارىلىش نىسبىتى 99 %، پاكىت يېتەرلىك ئەمەس دەپ رەت قىلىنىش نىسبىتى 1 % گە يەتمەيدۇ "

كرىستوفىر سىمس رابىيە قادىرنىڭ سۆزلىرىگە باھا بېرىپ، "سىز خىتاينىڭ ئائىلە پىلانلاش سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش يولىدا قوللىنىۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە مەجبۇرىي قىسىرلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايونغا كۆچۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بۇ ئەھۋاللار تىبەت رايونىدا يۈز بەرگەن ۋە ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا " دېدى.

يىغىندا كرىستوفىر سىمسنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدىكى بىر سۇئالىغا جاۋاب بەرگەن رابىيە قادىر، ئەسلى بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىللە، بۇ سىياسەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان "ئېتنىك تازىلاش" ھەرىكىتى ۋە "بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئەڭ زور ئاپەت" دەپ تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك

رابىيە قادىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى چىقارغان ئاپتونومىيە قانۇنىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتونغا كەلگەن بىر چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى، ئۆلۈم جازاسىنى، ئۇيغۇر تىلىنى بىكار قىلىشنى توختىتىش كېرەك. كرىستوفىر سىمس سۆزىگە بەرگەن باھاسىدا، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ب د ت نىڭ" ئېتنىك تازىلاش" ھەققىدىكى ئېنىقلىمىسىغا يېقىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كرىستوفىر سىمسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى 2006 - يىلى 1 - ئايدا خىتاينىڭ نوپۇسنى كونترول قىلىش تۈرىگە 27 مىليون دوللار ياردەم پۇلى ئايرىغان. بۇ پۇلنىڭ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتنىڭ "ئېتنىك تازىلاش" ياكى ئەمەسلىكى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان تېمىغا چېتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كرىستوفىر سىمس، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زور كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكەش بىلەن بىرگە تىبەت ۋە ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى تارقاقلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش سىياسىتى ب د ت نىڭ "ئېتنىك تازىلاش" جىنايىتىگە بەرگەن ئېنىقلىمىسىغا يېقىنلاشماقتا " دەيدۇ. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر مەسىلىسىدە ئەڭ ئېغىر سۆزلەر بىلەن تەنقىدلىشىدۇر.

كرىستوفىر سىمسنىڭ ئەسكەرتىچە، گېرمانىيىلىك ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان نيۇرېنبۇرگ سوتىدا ناتسىستلارنىڭ "پولشا ئاياللىرىنى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاش قىلمىشى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ قارالغان " شۇنىڭ ئۈچۈن دەيدۇ ئۇ، "خىتايدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئاياللارنىڭ تۇغۇشىنى چەكلەش سىياسىتى ئۈستىدىن جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك ". ئاخىرىدا كرىستوفىر سىمس، رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن 24 سائەت تەقىپ ئاستىغا ئېلىنىپلا قالماي، سودىسى ۋەيران قىلىنغان. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا " مەن بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشقا ئانىلارغا ئوخشاشلا پەرزەنتلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن،" دەپ تەكىتلىگەن رابىيە قادىر،‏- لېكىن ئۇيغۇرلارغا دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ئالدىدا ئۇلاردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

شۇ كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا رابىيە قادىر بىلەن بىرگە ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى ئېتان گوتمان، كاردىنال كوڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جوسېف كوڭ، لاۋگەي فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خاررىي ۋۇ قاتارلىق كىشىلەر گۇۋاھلىق بەردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.