رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى


2006.09.04

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشىغا قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى ئۆزلىكىدىن ھەج قىلىشقا بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىش مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا - ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرىغا ئوچۇق خەت يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ھەج قىلىش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.