قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت


2007.12.21

Rabiye1-150.jpg
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم. Photo UAA

ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانسىمىز مۇخبىرى ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېزراق ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياردەم كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان تۈرمە ئىچىدىكى بارلىق مەھبۇسلارنىڭ، ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرىدىن شۇنىڭدەك ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايانلىرىغا قۇلاق سالغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.