0:00 / 0:00
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ ئىندىياننا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن 9-ئاينىڭ 24- ۋە 25- كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىندىياننا شتاتىدا بىر قاتار يېغىنلارغا قاتناشتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇئامەرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سەيتوفنى زىيارەت قىلىپ، ئىندىياننا شتاتىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.