رابىيە قادىر خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا قارىماي ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
2007.12.17
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا جەنۋەدە ياۋروپا پارلامېنتنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەن. بۇ جەرياندا خىتاي دائىرىلىرى رابىيە خانىمنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
ب د ت نىڭ ھەرقايسى كومىتېتلىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باسقان كۈندىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىزچىل تۈردە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى، رابىيە قادىر خانىمنى ئامېرىكىدا داۋالىنىشقا رۇخسەت قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھېچقانداق سىياسىي ھەرىكەتكە قاتناشماسلىقىنى، ئەگەر ئۇ جۇڭگوغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق مال - مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغاندىن سىرت، پەرزەنتلىرىنىڭ خېيىم - خەتەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا تەھدىتلەر سالغان ئىدى.
بىراق، رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلماستىن " مېنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىم، خەلقىمنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ" دېگەن كەسكىن ئىپادىسى بىلەن 3 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنى ئاز دېگەندە 20 قېتىمغا يېقىن زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش، ئىشسىز ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەن سىياسەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى، سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، ئەيدىزنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دەلىل ئىسپات ۋە پاكىتلىق ماتېرىياللار ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا بىلدۈرمەكتە.
خىتاي، رابىيە قادىر خانىمنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆپ تىرىشقان
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمگەك كومىتېتىنىڭ خادىملىرى يېقىندا شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەڭ - كۆلەملىك يۆتكەش سىياسىتى ئۈستىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەتلەشتى. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولۇپ، تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ھەر خىل توسقۇنلۇقلار ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىمنىڭ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى تولۇق ئاڭلاتقان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرى، ئەلۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشىغا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىشىغا ۋە نۇرغۇن مال - مۈلكىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىغا يول ئاچتى. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن مەزكۇر ئانا، پىغانلىق ھەسرىتىنى قەلبىگە پۈكۈپ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدەنمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز ھىسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىغا جاۋابلىرى
- ب د ت ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلىنىڭ سالامەتلىكى ئائىلىسىدىكىلەردە ئەندىشە قوزغىدى
- " رابىيە، ياپونىيەگە خۇش كەپسىز ! "
- رابىيە خانىم جەنۋەدە ياۋرۇپا پارلامېنتنىڭ كومىتېت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى
- رابىيە خانىم "بىرلا ئىنقىلاب - ياۋروپا ئۈچۈن زوراۋانسىز لايىھە - لىبېراللىق " يىغىنىغا قاتناشتى (2)
- رابىيە خانىم "بىرلا ئىنقىلاب - ياۋروپا ئۈچۈن زوراۋانسىز لايىھە - لىبېراللىق " يىغىنىغا قاتناشتى (1)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتى ھەققىدە سۆھبەت
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى
- رابىيە قادىر، قەشقەردە ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋەقەسىنى " Wall Street Journal " دا تەنقىد قىلدى
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنىڭ كوبې شەھىرىدىكى گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى
- ياپونىيىدە، خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەت يېزىش ھەرىكىتى قوزغالدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى