رابىيە قادىر خانىمنىڭ كانادا زىيارىتى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا


2006.12.15

ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ۋە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كاناداغا قىلغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى كانادا مەتبۇئاتلىرىدا خەلى كەڭ يەر ئالدى.

"Globe and Mail" گېزىتىنىڭ 9-دېكابىر كۈنىدىكى ئومار ئەل ئاككاد تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان "كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىمايىچىسىدۇر" ناملىق ماقالە "مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۇزۇندىن بەرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىنىمسىز كۆرەش قىلىپ كەلگەنىدى. رابىيە قادىر خانىم بۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر قەھرىماندۇر. ئۇ بۇ يولدا ئېغىر بەدەل تۆلىدى. ئۇ، بېيجىڭدىن قۇتۇلمىغۇچىلىك بۇندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق بەدەل تۆلەيدۇ"، دەپ باشلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمدىن سىياسى ئىنتىقام ئالماقتا

ئۆزى بىلەن تەقدىرداش بولغان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بەرىلىشى ئۈچۈن جىددى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ، بۇ مەسىلىدە كانادا ھۆكۈمىتى ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن كاناداغا كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدا بولۇپ، 30 نەچە قېتىملىق زىيارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ئاياق-ئاستى قىلىنىشىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە غەيرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئاڭلاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ماقالىدا "رابىيە قادىر خەلقرا بېسىمنىڭ قىممىتىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ، بۇ بېسىم بولمىغان بولسا، بەلكى ھازىرغىچە خىتاينىڭ قاراڭغۇ كامىرىدا ياتقان بولاتتى. لېكىن ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا داۋاملىق بەدەل تۆلەيدۇ. ئىيۇن ئېيىدا خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى قولغا ئېلىپ، قىزىنى نەزەربەنت قىلغان بولسا، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. ئۇ رەئىس بولۇپ سايلانغان كۈنى خىتاي سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ كەنجى ئوغلىنى باج ئوغرىلىدى، دېگەندەك جىنايەت بىلەن يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى"، دەپ يازىدۇ.

رابىيە خانىم ماقالە ئاپتورنىڭ سىز دۇنيادىكى بۇ ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتىگە دولا چىقىرىشتىن قورقمىدىڭىزمۇ، دېگەن سوئالىغا: "ھەقىقەت ۋە ئادالەت بىز تەرەپتە. خىتاي دۇنيادا قانچە كۈچلۈك دۆلەت بولغان بىلەنمۇ، ئۇ بىزنىڭ تارىخىمىزنى سۈپۈرۈپ تاشلىيالمايدۇ. بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس كىملىكىمىزنى يوقىتالمايدۇ"، دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىنى يازغان.

رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى

"ئەپوچ تىمەس" گېزىتىنىڭ 13- دېكابىر كۈنى كىندي چان تەرىپىدىن يېزىلغان "كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە باشلامچى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى" ناملىق ماقالىدا "رابىيە قادىر تىبەتلىكلەرنىڭ دالاي لاماسىغا ئوخشايدۇ. بۇ مەشۇر ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنىدى. سەيشەنبە كۈنى ئۇ كانادا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندە كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كانادالىق ئۇيغۇر ھۆسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسىنى بىرىنجى ئورۇنغا قۇيۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى"، دەپ يېزىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى مۇستەملىكە قىلىنغان رايون

رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كارخانىچى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ 5 يىل تۈرمىسىدە ياتقان بۇ ئايالنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن، ئامېرىكىغا يولغا سېلىنغانلىقى، ئۇ ئەركىن دۇنياغا قەدەم قويغان كۈندىن ئېتىبارەن، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ماقالىدا "رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن بولۇپ، بۇرۇن شەرقى تۇركىستان، دەپ ئاتالغان بۇ رايۇننى خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949-يىلى بېسىۋالغانىدى. شۇنىڭدىن بەرى ئۇيغۇرلار ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇخرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ، تىبەتلىكلەرگە ئوخشاش قاتتىق زىيانكەشلىككە ۋە بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە"، دەپ يېزىلىدۇ.

رابىيە خانىمنىڭ كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىدىن زوقلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ماقالىدا، ئۇنىڭ "كانادا قۇدرەتلىك ۋە دېموكراتىك دۆلەت. ئەگەر كانادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدە باشلامچىلىق رول ئوينىسا، باشقا دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ"، دېگەن سۆزلىرىگە ئۇرۇن بېرىلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرى ئەمىلىيەتتە رابىيە خانىمنىڭ زىيارىتىگە ئىنكاستۇر

رابىيە قادىر خانىمنىڭ كانادا زىيارىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى تېخى نامەلۇم. ئامما كانادا دۆلەتلىك خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 12-دىكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ھۈسەيىن جەلىل تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. ئۇ كانادا پۇقراسى ئەمەس، بەلكى خىتاي پۇقراسىدۇر، تېررورچى بولغان ھۈسەيىن جېلىل ۋە ئۇنىڭ دېلوسى خىتاي قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ نامىنى يۇ سان جيا، دەپ تەلەپپۇز قىلغان.

كانادا خەلقئارا رادىئوسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايوندىكى سىياسى پائالىيەتچى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى خىتايدىن قاچقانلىقىنى، كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىختىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن مەخسۇس ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە سۆزلەشكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

فالۇنگوڭغا مايىل "ئۈمىت يۇلتۇزى" رادىيوسى بولسا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار دەپ ئاتىلىشىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان مۇستەقىل مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى تىلغان ئالغان ۋە ئۇنىڭ زېمىن ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەۋرى قاچىسىنىڭ تۈگىگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بەرگەن.

كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇيۇۋېتىش ھەققىدە خۇ جىنتاۋغا ئىمزالىق خەت يېزىشى كېرەك

كانادا خەلقئارا رادىئوسىدا رابىيە خانىمنىڭ 1997-يىلى غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىنى باستۇرۇلىشىغا شاھىت بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى مۇلاھىزە قىلغان. رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېگەن:

"تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئانىلار قانداق چىداپ تۇرالمىغان بولسا، مەنمۇ مېنىڭ خەلقىمنى ئاشۇنداق قىرغاندا پەقەت چىداپ تۇرالمىدىم. مەن بۇ كۆرۈنۈشلەرنى ياپۇنلارنىڭ خىتايغا تاجاۋۇز كىرگەنلىكى ھەققىدىكى كىنولاردىنلا كۆرگەنىدىم. كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال قۇيۇۋېتىش ھەققىدە خۇ جىنتاۋغا ئىمزالىق خەت يېزىشى كېرەك"

"Globe and Mail" گېزىتىنىڭ 13-دىكابىر سانىدا Alex Dobrota تەرىپىدىن يېزىلغان "كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى كانادا پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ھۈسەيىن جېلىلنىنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندىدى" ناملىق ماقالىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كانادا پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئىيۇن ئېيىدىن بەرى خىتاينىڭ تۈرمىسىدە تۇرىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن مەكتۇپ كومپانىيىسى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدىكى تەلەپنامىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 72 ئەزاسى قول قويغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى مۇئاپىقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنىكەن"، دېيىلىدۇ.

ماقالىدا رابىيە خانىمنىڭ، كانادا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇۋېتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلمىغاندا خىتاي دائىرلىرى تۈرمىدە تۇرىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىلغا ھەممىنى قىلىشى، ھەتتا ئۇنى قىيىن-قىستاققا ئېلىشى ۋە ئۆلتۈرىۋېتىشى مۇمكىن" دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بەرگەن. بۇ ماقالىدا رابىيە خانىمنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلىشىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر، دەپ تەرىپلىگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلگەن. (كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.