رابىيە قادىر خانىم كانادا زىيارىتى ھەققىدە توختالدى
2006.12.14
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مونترېئال ئايدۇرۇمىدا ئامېرىكا ۋاشىنگتونغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننى ساقلاۋېتىپ تېلېفوندا مۇخبىرىمىزغا كانادا زىيارىتىنى خۇلاسىلىدى.
رابىيە قادىر خانىم 8 - دېكابىردىن 14 - دېكابىرغىچە داۋام قىلغان كانادا سەپىرىدە، باش مىنىستىر ستىپان خارپېر، كانادا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ، بۇ سەپىرىدىن " ناھايىتى مەمنۇن" بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ كانادا زىيارىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پائالىيىتى سەيشەنبە كۈنى كيۇبېك ئۆلكىسىنىڭ مونترېئال شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كەچلىكىگە قاتنىشىش بولدى. مونترېئالدىكى "ئۇيغۇر" رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلگەن كېچىلىكتە رابىيە قادىر خانىم، كانادا سەپىرىدىن دوكلات بەرگەن ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى ئىتتىپاقلىشىش ۋە تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا چاقىرغان.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىم كانادا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى
- ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى
- رابىيە قادىر خانىم كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋادا
- رابىيە قادىر خانىم تورونتودا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشتى
- رابىيە قادىر خانمىمنىڭ تەرجىمىھالى يېقىن كەلگۈسىدە نەشردىن چىقىدۇ
- د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ د ئۇ ق ھەققىدە توختالدى