رابىيە قادىرنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇراسىمى توغرىسىدا


2007.06.20

RabiyekitapMuqawi1-150.jpg
رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىتاۋىنىڭ مۇقاۋى. ئاپتور: ئالېكساندرا كاۋەلىئۇس خانىم. Rebiya Kadeer, with Alexandra Cavelius "The Stormer of the Sky" China's Public Enemy Number One by www.randomhouse.de

د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، "گۈلدۈرماما" نامىدىكى تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسەرنىڭ نېمىسچە نۇسخىسى رەسمىي نەشرىدىن چىقتى.

گېرمانىيە يازغۇچىسى ئالېكساندرا خانىمنىڭ قەلىمى بىلەن دۇنياغا كەلگەن بۇ ئەسەرنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى "خىتاينىڭ 1 - نومۇرلۇق دۈشمىنى" دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسەرنىڭ نەشرىدىن چىقىش مۇراسىمى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ مۇراسىمغا د ۇ ق رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر ھەم بېرلىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، ئەسەر ئاپتورى ئالېكساندرا خانىم، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى، بېرلىن شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى ، بېرلىن شەھىرىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر، ھېنېي نەشرىياتىنىڭ رەھبەرلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، مەشھۇر سىياسەتچىلەر ۋە گېزىت - ژۇرنال مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

Rabiye_kitapC-200.jpg
رابىيە قادىر خانىم، كىتاۋىنىڭ ئاپتورى ئالېكساندرا كاۋەلىئۇس خانىم بىلەن. Rabiya Kadeer with the author of her biography. Photo by UAA

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئەدەبىياتچىلار سارىيىدا مەزكۇر ئەسەرنىڭ نەشرىدىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككىنچى قېتىم ھەيۋەتلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى د ۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىدىن سىرت، ميۇنخېن شەھرىدە ياشاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار مىللىيچە كىيىملىرى بىلەن كېلىپ قاتناشتى. مۇراسىمغا مەزكۇر ئەسەرنى نەشىر قىلغان مەشھۇر ھېنېي نەشرىياتى، ميۇنخېن ئەدەبىياتچىلار بىرلەشمىسى ۋە د ۇ ق بىرلىكتە ساھىبخانلىق قىلدى. مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى، مەشھۇر ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ۇ ق رەھبەرلىرى ۋە ئاپتور ئالېكساندرا خانىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شىۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرن شەھرىدە يەنە بىر قېتىم داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمەكچى.( ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.