رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇناسىۋىتى بىلەن، دولقۇن ئەيسا سۆھبەتتە

0:00 / 0:00
Rabiye_kitapD-200.jpg
رابىيە قادىر خانىم، كىتاۋىنىڭ نەشىردىن چىقىش مۇراسىمىدە. Photo by UAA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات-سەرگۈزەشتىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن " دﯤ ھىممەلىس شتۈرمەرىن" ناملىق تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسەر نىڭ نەشىردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىدە داغدۇغۇلۇق مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلمەكتە.

6‏-ئاينىڭ 19‏- كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كلاۋدىيا روت قاتارلىق گېرمانىيىنىڭ ئاتاقلىق سىياسىيونلىرى، يازغۇچىلىرى، ژورنالىستلار قاتناشقان.

Rabiye_kitapA-200.jpg
رابىيە قادىر خانىم، كىتاۋىغا ئىمزا قويۇپ بەرمەكتە. Photo by UAA

ئەسەرنىڭ نەشىردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە مەتبۇئاتىدا نۇرغۇن خەۋەر ۋە ماقالىلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، گېرمانىيە رادىئو ۋە تېلېۋىزورلىرىدا مەخسۇس پروگراممىلار ئاڭلىتىلغان ۋە كۆرسىتىلگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، "خىتاينىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى" ناملىق ئەسەرنىڭ نەشىردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تەنتەنىلىك مۇراسىملار ھەققىدە مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.