0:00 / 0:00

ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى فرانكفورد شۆبىسىنىڭ رەئىسى، ياش تەتقىقاتچى، يازغۇچى كۆرەش ئاتاخاننىڭ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتى، جەمئىيەتتە تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا.
بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر خەتنىڭ مۇئەللىپى - كۆرەش ئاتاخان بىلەن ئۇ يازغان "قۇتلۇق بولسۇن ئۇيغۇرلار، قۇتلۇق بولسۇن رابىيە ئانا!" ناملىق ئوچۇق خەت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ كۆرەش ئاتاخان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.